新闻详情

يەنە بىر ھىندىستانلىق ئارتىس ئۆلۈۋالدى

发表时间:2020-12-10 16:20作者:ئەزىمەت来源:baidu.com

تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان تامىل تېلېۋىزىيە ئارتىسى ۋ ج چىترا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ۋ ج چىترا بۇ يىل 28 ياش، ئۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى «Pandian Stores» بىلەن تونۇلغان. ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈۋېلىشى تامىل تېلېۋىزىيە ساھەسىنى زىل-زىلىگە كەلتۈردى.

تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ نازارېتپېتتايدىكى بىر بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىنىڭ ياتىقىدا ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغان. ئىگەللىنىشىچە، ئۇ ئۇ يەرگە تىياتىر سۈرەت ئېلىشقا بارغان، شۇ كۈنى تاڭ سەھەر 2:30دە قايتىپ كەلگەن. چىترا ئۆزىنىڭ سودىگەر بولغۇسى يولدىشى بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلارغا چاي ئىچۈرۈلگەنلىكىگە بىر نەچچە ئاي بولغان. چىترا ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئىزچىل ئاكتىپ، ئۇ ئۆلۈپ كېتىشتىن 14 سائەت بۇرۇن تورغا سۈرىتىنى چىقارغان ھەمدە 12 سائەت بۇرۇن باشقىلارنىڭ سۈرىتىگە ئىنكاس قايتۇرغان. ئۇنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى خامۇشلۇق كېىسلى دەپ قارالماقتا.


分享到: