新闻详情

بۇ پەسىللىك چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى 16 كۈچلۈك كوماندا

发表时间:2020-12-10 19:48作者:alkuyi.com来源:zhibo8

بۇ پەسىللىك ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسى تولۇق ئاخىرلاشتى، شۇنىڭ بىلەن ھەر قايسى گۇرۇپپىلاردىكى كوماندىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى رەت تەرتىپى مۇقىملاشتى ۋە 16 كۈچلۈك كوماندا تولۇق تاللىنىپ بولدى. بۇ پەسىللىك چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى 16 كۈچلۈككە تاللانغان كوماندىلار تۆۋەندىكىچە:

A گۇرۇپپا:

بايرېن مىيۇنخېن (گېرمانىيە بىرلەشمىسى): بەش مەيدان غەلىبە قىلىپ، بىر مەيدان تەڭلەشكەن، 18 توپ كىرگۈزۈپ، بەش توپ كەتكۈزگەن، جەمئىي 16 جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشكەن.

مادرىد ئاتلېتكا (ئىسپانىيە بىرلەشمىسى): ئىككى مەيدان غەلىبە قىلىپ، ئۈچ مەيدان تەڭلىشىپ، بىر مەيدان مەغلۇپ بولغان، يەتتە توپ كىرگۈزۈپ، سەككىز توپ كەتكۈزگەن، جەمئىي توققۇز جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشكەن.

B گۇرۇپپا:


1. خانلىق مادرىد (ئىسپانىيە بىرلەشمىسى): ئۈچ مەيدان غەلىبە قىلىپ، بىر مەيدان تەڭلىشىپ، ئىككى مەيدان مەغلۇپ بولغان، 11 توپ كىرگۈزۈپ، توققۇز توپ كەتكۈزگەن، جەمئىي 10 جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشكەن.

2. مۆنشىنگلادباخ (گېرمانىيە بىرلەشمىسى): ئىككى مەيدان غەلىبە قىلىپ، ئىككى مەيدان تەڭلىشىپ، ئىككى مەيدان مەغلۇپ بولغان، 16 توپ كىرگۈزۈپ، توققۇز توپ كەتكۈزگەن، جەمئىي سەككىز جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشكەن.

C گۇرۇپپا:

1. مانچېستېر شەھىرى (ئېنگلاند بىرلەشمىسى): بەش مەيدان غەلىبە قىلىپ، بىر مەيدان تەڭلەشكەن، 13 توپ كىرگۈزۈپ، بىر توپ كەتكۈزگەن، جەمئىي 16 جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشكەن.

2. پورتۇ (پورتۇگالىيە بىرلەشمىسى): تۆت مەيدان غەلىبە قىلىپ، بىر مەيدان تەڭلىشىپ، بىر مەيدان مەغلۇپ بولغان، 10 توپ كىرگۈزۈپ، ئۈچ توپ كەتكۈزگەن، جەمئىي 13 جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشكەن.

D گۇرۇپپا:

1. لىۋېرپول (ئېنگلاند بىرلەشمىسى): تۆت مەيدان غەلىبە قىلىپ، بىر مەيدان تەڭلىشىپ، بىر مەيدان مەغلۇپ بولغان، 10 توپ كىرگۈزۈپ، ئۈچ توپ كەتكۈزگەن، جەمئىي 13 جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشكەن.

2. ئاتلانتا (ئىتالىيە بىرلەشمىسى): ئۈچ مەيدان غەلىبە قىلىپ، ئىككى مەيدان تەڭلىشىپ، بىر مەيدان مەغلۇپ بولغان، 10 توپ كىرگۈزۈپ، سەككىز توپ كەتكۈزگەن، جەمئىي 11 جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشكەن.

E گۇرۇپپا:

1. چېلسى (ئېنگلاند بىرلەشمىسى): تۆت مەيدان غەلىبە قىلىپ، ئىككى مەيدان تەڭلەشكەن، 14 توپ كىرگۈزۈپ، ئىككى توپ كەتكۈزگەن، جەمئىي 14 جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشكەن.

2. سېۋىللا (ئىسپانىيە بىرلەشمىسى): تۆت مەيدان غەلىبە قىلىپ، بىر مەيدان تەڭلىشىپ، بىر مەيدان مەغلۇپ بولغان، توققۇز توپ كىرگۈزۈپ، سەككىز توپ كەتكۈزگەن، جەمئىي 13 جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشكەن.

F گۇرۇپپا:

1. دورتمۇند (گېرمانىيە بىرلەشمىسى): تۆت مەيدان غەلىبە قىلىپ، بىر مەيدان تەڭلىشىپ، بىر مەيدان مەغلۇپ بولۇپ، 12 توپ كىرگۈزۈپ، ئىككى توپ كەتكۈزگەن، جەمئىي 13 جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشكەن.

2. لازىئو (ئىتالىيە بىرلەشمىسى): ئىككى مەيدان غەلىبە قىلىپ، تۆت مەيدان تەڭلەشكەن، 11 توپ كىرگۈزۈپ، يەتتە توپ كەتكۈزگەن، جەمئىي 10 جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشكەن.

G گۇرۇپپا:

1. يۇۋېنتۇس (ئىتالىيە بىرلەشمىسى): بەش مەيدان غەلىبە قىلىپ، بىر مەيدان مەغلۇپ بولغان، 14 توپ كىرگۈزۈپ، تۆت توپ كەتكۈزگەن، جەمئىي 15 جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشكەن.

2. بارسېلونا (ئىسپانىيە بىرلەشمىسى): بەش مەيدان غەلىبە قىلىپ، بىر مەيدان مەغلۇپ بولغان، 16 توپ كىرگۈزۈپ، بەش توپ كەتكۈزگەن، جەمئىي 15 جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشكەن.

H گۇرۇپپا:

1. پارىژ سانت گېرمان (فىرانسىيە بىرلەشمىسى): تۆت مەيدان غەلىبە قىلىپ، ئىككى مەيدان مەغلۇپ بولغان، 13 توپ كىرگۈزۈپ، ئالتە توپ كەتكۈزگەن، جەمئىي 12 جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشكەن.

2. لېيپزىگ قىزىل كالا (گېرمانىيە بىرلەشمىسى): تۆت مەيدان غەلىبە قىلىپ، ئىككى مەيدان مەغلۇپ بولغان، 11 توپ كىرگۈزۈپ، 12 توپ كەتكۈزگەن، جەمئىي 12 جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشكەن.


分享到: