新闻详情

دۇنياۋى گۈزەل ناخشىچىنىڭ سەرگۈزەشتىسى

发表时间:2020-12-10 20:12作者:爱酷艺来源:腾讯



يېقىنقى يىللاردا، ئامېرىكىلىق ناخشىچى برىتنېي سپېرس (Britney Spears)نىڭ ئىشلىرى ئانچە ئوڭۇشلۇق ئەمەس. ئالدىنقى قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، لوس ئانژېلېس يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ سودىيەسى برېندا پېنى (Brenda Penny) برىتېنېينىڭ دادىسى جامېس سپېرس (James Spears)نىڭ ئىسمىنى مال-مۈلۈكنى قوغداش رويخىتىدىن ئۆچۈرىۋىتىشنى رەت قىلدى. بۇ دادىسىنىڭ ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىغا داۋاملىق مەسئۇل بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.

20201210

ئىلگىرى جامېس سپېرس قىزى برىتنېي سپېرسنى «نەزەربەند قىلغان» دەپ قارالغان. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۇ ھەتتا قىزىنى مەجبۇرىي ھالدا روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بارغان. گەرچە ئۇ قىزىنىڭ سالامەتلىكىنى ئويلاپ شۇنداق قىلغىنىنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆپچىلىك ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئۇنى برىتنېي سپېرسنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلەپ قويدى دەپ قارىغان.

شۇڭلاشقا برىتنېي سپېرسنىڭ مەستانىلىرى جامېس سپېرسنىڭ ھامىيلىق ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلاش ئۈچۈن «Free Britney» پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغان ھەمدە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ برىتنېي سپېرسقا ئەركىنلىك بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ئېنىقكى، سودىيەنىڭ چىقارغان ھۆكۈمىدىن برىتنېي سپېرس ئۆزىمۇ رازى ئەمەس. برىتنېينىڭ ئادۋوكاتى ھاۋالە قىلغۇچىسنىڭ ئۇنىڭ دادىسىدىن قورقىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ھەتتا برىتنېي سپېرسمۇ ئەگەر بۇنىڭدىن كېيىن دادىسى كەسپىي ھاياتىغا داۋاملىق مەسئۇل بولسا سەھنىگە قايتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

برىتنېي سپېرسنىڭ سەھنە ئەسەرلىرىدىن تارتىپ شەخسي تۇرمۇشىغىچە كىشىلەرنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇپ كەلدى. ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى تىلغا ئېلىنسا كىشىلەر چوقۇم بىرىنچى بولۇپ جاستىن تېمبىرلاك(Justin Timberlake)نى ئەسكە ئالىدۇ. ئىككىيلەن دىسنېينىڭ بالىلار قانىلىدا تونۇشقان بولۇپ، 1999-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە بولغان ئۈچ يىل برىتنېينىڭ نۇرغۇن گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان مەزگىلى ھىسابلىنىدۇ. كۆپ يىللاردىن كېيىن، ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ شۇ چاغدىكى گۈزەل ئەسلىرىمىنى «ھازىرغىچە ئۇنتۇپ كېتەلمەيدىغانلىقى»نى بىلدۈرگەن.

2004-يىلى 1-ئايدا برىتنېي سپېرس ياش ۋاقتىدىكى ئەڭ يېقىن دوستى جېسسېن ئالېكساندېر (Jason Alexanderr) بىلەن ناھايىتى تېزلا توي قىلغان. ئەمما توي قېلىپ 55 سائەتتىن كېيىن دەرھال ئاجرىشىپ كەتكەن. بۇ خەۋەر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەستانىلەر ھاڭ-تاڭ بولغان. كۆپلىگەن كىشىلەر ئۇنىڭ بىرىنچى قېتىملىق تويىنى بىر كومېدىيە ياكى ئويۇندەك ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئۇنىڭ ئىككىنچى تويى كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان بولۇپ، برىتنېي سپېرسقا ئاپەت خاراكتېرلىك ئازابلارنى ئېلىپ كەلگەن.

2004-يىلى برىتنېي Hip-Hop ناخشىچىسى كېۋىن فېدېرلىن (Kevin Federline) بىلەن توي قىلدى. قىسقا ۋاقىتلىق شېرىن ئاي مەزگىلىدىن كېيىن، فېدرىننىڭ ئەسلى قىياپىتى نامايان بولۇشقا باشلىدى. يەپ-ئىچىشتە قىز تەرەپنىڭكىنى خەجلەپلا قالماي، يەنە يولدىن چىقىپ كەتتى. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بىر قاتار ئىشلار برىتنېينىڭ كۆڭلىنى سوۋۇتتى. فېدېرلىن ھەتتا برىتنېينىڭ بىر قىسىم قاملاشمىغان ۋىدېيولىرىنى توردا ئاشكارا ئېلان قىلىپ، چوڭ غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.

روھىي جەھەتتىن قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان برىتنېي بۇ مەزگىلدە پۈتۈنلەي تۈگىشىپ كەتتى. چېچىنى چۈشۈرىۋەتتى ھەمدە بەدەنلىرىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ سەمىرىپ كەتتى. دائىم ۋارقىراپ-جارقىراپ يۈرگەن ۋىدېيولىرى تارقىلىۋەرگەچكە مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدىكى بۇرۇنقى ئوبرازى بىراقلا تۆۋەنلەپ كەتتى.

تاراتقۇلارنىڭ ئۇ توغرىسىدىكى سەلبىي خەۋەرلىرى تارقىلىۋەرگەچكە، بالىسىنىڭ بېقىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدى. كېيىنچە ئۇ يەنە كۆپلىگەن كىشىلەر بىلەن مۇھەببەتلەشتى ئەمما ئۇزاق ئۆتمەيلا ئايرىلىپ كەتتى.

دەل برىتنېي تۈگىشش گىردابىغا بېرىپ قالغاندا، ئۇنىڭغا قايتا ئىشەنچ ئاتا قىلغان Sam Asghari ئۇنىڭ دۇنياسىغا كىرىپ كەلدى. 1994-يىلى تۇغۇلغان ئىرانلىق بۇ يىگىت ھازىر مودا ساھەسىدە خېلىلا نامى بولغان مودېل ھېسابلىناتتى.

2015-يىلى ئۇ ئەرلەر كىيىم-كېچەك ماركىسى Stello ئۈچۈن مودېللىققا ماڭغاندا سەھنە ئوتتۇرىسىدا قولى بىلەن چاپىنىنى يىرتىۋەتكەن. بۇ خىل ئۆزگىچە سەھنە ئۇسلۇبى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ بىر كىچىدىلا نامى چىققان.

ئۇ برىتنېينىڭ «Slumber Party» ناملىق ناخشىسىنىڭ MVسىنى سۈرەتكە ئېلىشقا قاتناشقان ھەمدە برىتنېينى بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ قالغان. ئىككىيلەن مۇھەببەتلەشكەندىن كېيىن، برىتنېينىڭ روھىي كەيپىياتىدا روشەن ئۆزگىرىش بولغان.

ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، ئۇ ئۆزىدىن 13 ياش كىچىك بولغان مودېل ئوغۇل دوستى Sam Asghari بىلەن ھاۋاينىڭ مائۇي ئارىلىغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ 39 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى ئالدىن تەبرىكلىگەن.

ئىجتىمائىي تور سۇپىسىدا ئېلان قىلغان نەچچە مەزمۇنىدا تۇغۇلغان كۈنىنىڭ تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئوغۇل دوستى بىلەن خۇسۇسىي ئايروپىلانىنىڭ ئالدىدا چۈشكەن سۈرىتىمۇ تورداشلارنىڭ ھەۋىسىنى قوزغىغان.

ھازىر برىتنېينىڭ تۇرمۇشى ئاستا ـ ئاستا ئىزىغا چۈشتى. ئۇلارھەر قېتىم بىللە ساياھەت قىلىپ، ھەر خىل پائالىيەتلەرگە قاتناشتى. ئۇلار ئىككىلىسى بارا-بارا تورداشلار قەلبىدىكى ئەڭ ماسلاشقان بىر جۈپلەرگە ئايلاندى.

22 يىل ئىلگىرى مەن تۇنجى قېتىم برىتنېي سپېرسنىڭ «One More Time» دېگەن ناخشىسىنى ئاڭلىغان ئىدىم. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئارىدىن 22 يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئەينى ۋاقىتتىكى كۆپچىلىك شۇنچە ياخشى كۆرىدىغان قىزچاق بۇ نەچچە يىل ئىچىدە ئائىلە، مۇھەببەت ۋە كەسىپتە كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. خۇشاللىنارلىقى شۇكى، بۇ قەيسەر قىز بارچە قىيىنچىلىقلارغا تەبەسسۇم بىلەن يۈزلەندى ھەمدە ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئارزۇ قىلغان تۇرمۇشقا ئېرىشتى. ئۇنىڭ مەستانىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، برىتنېي سپېرسنىڭ ھازىرقىدەك بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم.



分享到: