新闻详情

مارادونانىڭ ئائىلىسىدىكىلەر «مىراس تالىشىش جېڭى»نى باشلىدى

发表时间:2020-12-11 13:08作者:ئەزىمەت来源:تور دۇنياسى




«قۇياش گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مارادونانىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئاللىقاچان «مىراس تالىشىش جېڭى»نى باشلىغان بولۇپ، ئىگىلىنىشچە ئەڭ ئاز بولغاندا 16 ئادەم مارادونا قالدۇرغان 37 مىليون فوندستېرلىڭ قىممىتىدىكى مىراسنى تالاشقان.

مارادونانىڭ بەش بالىسى بولۇپ، ئۇلار ئالدىنقى كۈنى كەچتە بۇئېنوس ئايرېستىكى بىر مەخپىي جايدا دادىسى قالدۇرغان مىراسنى بۆلىشىش توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن، لېكىن مارادونانىڭ يەنە تۆت ئاچا-سىڭلىسى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يەتتە نەپەر «مەخپىي پەرزەنتلىرى»مۇ بۇ قېتىملىق «مىراس تالىشىش جېڭى»دىكى نامزاتلارغا ئايلانغان. ئىگىلىنىشچە، بۇ قېتىملىقى پەقەت «مىراس تالىشىش جېڭى» بولۇپ قالماستىن بەلكى بىر قېتىملىق «دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش جېڭى» بولۇپ قالىدىكەن.

مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە، مارادونا قالدۇرغان مىراس بولسا شىۋېتسارىيە، دۇبەي ۋە بۇئېنوس ئايرېستىكى بىر قىسىم نەق پۇل، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان بايلىقلىرى ۋە بىر تۈرلۈك ئېسىل ماشىنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆپلىگەن ماركىلار بىلەن ھەمكارلاشقاندا ئېرىشكەن كىرىممۇ بۇ قېتىملىق «مىراس تالىشىش جېڭى»نىڭ نىشانىغا ئايلانغان.

ئىگىلىنىشچە، مارادونا 2012-يىلى بىر قېتىم مىراسنى قانداق بۆلۈپ بېرىش توغرىسىدا ھۆججەت قالدۇرغان بولۇپ، لېكىن تۆت يىل ئۆتكەندىن كېيىن بىكار قىلىنغان، شۇڭلاشقا ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتى قانۇن ئارقىلىق پەقەت بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ (ئائىلىسىدىكىلەر) مىراسقا ۋارىسلىق قىلىشتا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەشنىڭ ئالدىنى ئالغان، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بۇ توغرىسىدا «مىراسنى قانداق بۆلۈپ بېرىش ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بولمىغان ئەھۋالدا بارلىق ئۇرۇق-تۇققانلار ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە باراۋەر ھالدا تەڭ بۆلۈپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ، لېكىن بۇ مارادونانىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئىزچىل ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان بالىلىرى ئۈچۈن ئادالەتسىزلىك، ئۇلار بۇنداق قارارنى قوبۇل قىلالمايدۇ!» دېگەن.

分享到: