新闻详情

بارسېلونانىڭ رەقىبلىرى

发表时间:2020-12-11 13:23作者:ئەلكۈيى来源:جىبوبا تورى خەۋىرى:





بۇ پەسىللىك ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسى تولۇق ئاخىرلاشتى، شۇنىڭ بىلەن ھەر قايسى گۇرۇپپىلاردىكى كوماندىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى رەت تەرتىپى مۇقىملاشتى ۋە 16 كۈچلۈك كوماندا تولۇق تاللىنىپ بولدى. ئىسپانىيە بىرلەشمىسى زەردارى بارسېلونا ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىدا يۇۋېنتۇسقا ئۇتتۇرۇپ، ئالتە ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە بەش مەيدان غەلىبە قىلىپ، بىر مەيدان مەغلۇپ بولۇپ، 16 توپ كىرگۈزۈپ، بەش توپ كەتكۈزۈپ، جەمئىي 15 جۇغلانما نومۇر بىلەن گۇرۇپپىدا 2-ئورۇنغا تىزىلىپ 16 كۈچلۈككە قەدەم قويدى.

بۇ پەسىللىك چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى كېيىنكى باسقۇچقا چەك تارتىش پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە سەككىز گۇرۇپپىدا 2-ئورۇنغا تىزىلغان كوماندىلار 1-ئورۇندىكى كوماندىلار بىلەن ئۇچرىشىدىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا يەنە ئوخشاش گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن كوماندىلار ۋە ئوخشاش بىر دۆلەت بىرلەشمىسىدىكى كوماندىلار ئۆز-ئاراز ئۇچراشمايدۇ، يەنى بارسېلونا كېيىنكى باسقۇچتا ئوخشاش گۇرۇپپىدىكى يۇۋېنتۇس ياكى ئوخشاش بىرلەشمىدىكى خانلىق مادرىد بىلەن ئۇچراشمايدۇ.

يۇقارقى ئەھۋال بويىچە ئويلاشقاندا، بارسېلونانىڭ كېيىنكى باسقۇچتىكى رەقىبلىرى دەل يۇۋېنتۇس ۋە خانلىق مادرىدتىن باشقا ئالتە سەركە كوماندا (گۇرۇپپىدا 1-ئورۇندا 16 كۈچلۈككە كىرگەن كوماندىلار) ئىچىدىن شەكىللىنىدىغان بولۇپ، بۇلار بولسا بايرېن مىيۇنخېن، مانچېستېر بىرلەشمىسى، لىۋېرپول، چېلسى، دورتمۇند ۋە پارىژ سانت گېرمان قاتارلىقلار.


分享到: