新闻详情

«لوكى»نىڭ تەشۋىقات فىلىمى

发表时间:2020-12-11 15:45来源:ئۈندىدار سالونى خەۋىرى :

تام ھىددلېستون(Tom Hiddleston) باش رول ئالغان مارۋېل دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان تىياتىرى «لوكى» (洛基)نىڭ سۈرەتكە ئىلىش خىزمەتلىرى يېقىندا تاماملانغان بولۇپ، بۈگۈن مەزكۇر تىياتىرنىڭ تۇنجى تەشۋىقات فىلىمى ئېلان قىلىندى، بۇ تىياتىرنىڭ تېزراق قويۇلۇشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان مەستانىلەرچە مېنىڭچە ئىنتايىن كۆپ، لوكىمۇ كۆپلىگەن مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان كىلاسسىك ئوبرازلارنىڭ بىرى.

ئالدىن ئېلان قىلىنغان بۇ قىسقا فىلىمنىڭ بېشى «قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4: ئاخىرقى جەڭ»دىكى ۋەقەلىك بىلەن باشلىنىدىغان بولۇپ، 2012-يىلىدىكى لوكى قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ كائىنات سېھىرلىك كۇبىنى ئوغرىلاپ كەتكەن، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن لوكى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئۇزۇن سەپەرنى باشلايدۇ.

ئۇ يەنە تۇتۇلۇپ قاپتۇ، ئۇنىڭ پىچاق ئوينىتىشلىرى، باشقىلار بىلەن ئېلىشقان كۆرۈنۈشلىرى ئادەمنى ھاياجانغا سالماي قالمايدۇ…

ئۇ بەلكىم ھەرخىل ۋاقىت ۋە ماكاننى بېسىپ ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىن، بۇ ھاياجانلىق كۆرۈنۈشلەردىكى لوكىنى بىز ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان، ئۇ تېخىمۇ قالتىس كارامەتلىرى بىلەن ئېكران يۈزىدە نامايان بولىدىغان چىراي، بۇ تىياتىر 2021-يىلى 5-ئايدا قويۇلىدۇ، مەستانىلەرنىڭ تەقەززالىق بىلەن كۈتۈشىگە ئەرزىيدۇ.

分享到: