新闻详情

بىلەت باھاسىنى ئۆستۈرۋەتتى

发表时间:2020-12-11 17:17作者:ئەلكۈيى来源:بەيدۇ تورى خەۋىرى:




11-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۆزتاراتقۇ «ۋاقىت پەرقى ئارىلى»(时差岛) بىلەن گەنزى مەدەنىيەت-ساياھەتچىلىكى بىرلىشىپ ئىشلىگەن «دىڭجېننىڭ دۇنياسى»(丁真的世界) يېقىندا ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا داڭق چىقارغان «كاڭبا يىگىتى»(康巴小哥) دىڭجېن (丁真) ۋە ئۇنىڭ يۇرتى گەنزى لىتاڭ (甘孜理塘)نىڭ داڭقىنى تېخىمۇ چىقىرىۋەتكەن.

«نۇرغۇن كىشىلەر مەندىن مېنىڭ نېمە ئارزۇيۇم بارلىقىنى سورىدى. مەن بۇ مەسىلىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. تايچىقىمنى مىنىپ، تاغ-داۋانلاردىن ئاشقۇم بار، مانا بۇ مېنىڭ دۇنيارىم. قارلىق تاغ، يايلاق، مۇزلۇق، بۇتخانا، ئاق مۇنار، بۇلا مېنىڭ دوستلىرىم» دېدى دىڭ جىن ۋىدىيودا. ئېگىزلىكنىڭ بىپايان تەبىئىي مەنزىرىسىگە ئەگىشىپ، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن دىڭجېن، كۆپچىلىكنىڭ يۇرتۇمغا كېلىپ مېھمان بولۇشىنى قارشى ئالىمەن».

بۇ يىل 11-ئاينىڭ 11-كۈنى زاڭزۇ يىگىت دىڭجېن تەييار چۆپ سېتىۋالغىلى بېرىش يولىدا، باشقىلار تەرىپىدىن تاسادىپىي ھالدا ئون سېكۇنتلۇق قىسقا سىن كۆرۈنۈشىگە ئېلىۋېلىندى، شۇنىڭ بېلەن كېلىشكەن ھەم تۈز كۆڭۈل بۇ يىگىت قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ قالدى.

11- ئاينىڭ 22- كۈنى كەچكىچە، مىكرو بىلوگدىكى دىڭجېنغا ئائىت ئۇچۇرلار 80 مىليونغا يېقىن كۆرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، «دىڭجېن»نىڭ ئۈندىدار كۆرسەتكۈچى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى %138.94 ئاشتى، 12-كۈنى يەنە %279.3 ئاشتى، 13-كۈنگە كەلگەندە بىراقلا %4886.46 ئاشتى.

تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دىڭجېن نام چىقارغاندىن كېيىن، دەرھال لىتاڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى قارمىقىدىكى لىتاڭ مەدەنىيەت-ساياھەت شىركىتى بىلەن توختام ئىمزالىغان، ئايلىق ئىش ھەققى 3500 يۈەن، ئۇنىڭدىن باشقا بەش سۇغۇرتا، بىر فوندىمۇ بار ئىكەن.

11-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن قىشلىق ساياھەت گەنزى ساياھەت تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى سىچۈەندە ئۆتكۈزۈلۈپ، بۇ يىل 11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن كېلەر يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، گەنزى ئوبلاستىدىكى بارلىق مەنزىرە رايونلىرى (67 خىل A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دە ساياھەتچىلەرنىڭ كىرىش بېلىتى تولۇق كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقى جاكارلاندى. شۇنىڭ بېلەن دىڭجېننىڭ تۈرتكىسىدە، سىچۈەن گەنزىغا مۇناسىۋەتلىك ساياھەت قىزغىنلىقىمۇ ئاشتى.

«نەگە بارىمىز»(去哪儿网) تورىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 11-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە سىچۈەن ئۆلكىسى گەنزى رايونىدىكى مېھمانسارايلارنىڭ زاكاس مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %89 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە 11-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇنجى ئېشىش يۇقىرى پەللىسى كۆرۈلگەن، شۇ كۈنى مېھمانسارايلارنىڭ زاكاس مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %111 ئاشقان، ئالدىنقى كۈندىكىدىن %15 ئاشقان.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، كېيىنكى بىر ھەپتىدە گەنزى رايونىدىكى مېھمانسارايلارنىڭ كۈندىلىك زاكاز مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر ھەسسىدىن كۆپرەك يۇقىرى بولغان.

ئايروپىلان بېلىتى جەھەتتە، ئادەتتە 11-ئاي ساياھەتچىلىك نىسبەتەن توختاپ قالىدىغان ئاي، لېكىن 11-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ، گەنزى كاڭدىڭ ئايرودۇرۇمى، يادىڭ ئايرودۇرۇمىنى نىشان قىلغان زاكاز مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 20 كە يېقىن ئاشقان، 17-كۈنىدىكى كۈنلۈك زاكاز مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %90 ئاشقان، ئۇنىڭدىن باشقا، 21-، 23-، 25-چېسلادىكى ئايروپىلان بېلىتىنىڭ كۈنلۈك زاكاز مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50 ئاشقان.

ساياھەتچىلەر مەنبەسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، چېڭدۇ، گۇاڭجۇ، چۇڭچىڭ شەھىرى قىزغىنلىقى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئۈچ شەھەر ھېسابلىنىدۇ.

تيەنيەنچا 天眼查) App)دا كۆرسىتىلىشىچە، 11-ئايدىن بۇيان، «دىڭجېن» تاۋار ماركىسى نۇرغۇن شىركەتلەر تەرىپىدىن رويخەتكە ئالدۇرۇلغان بولۇپ، خۇيجۇ شەھىرىدىكى 100دىن ئارتۇق مەدەنىيەت تاراتقۇ چەكلىك شىركىتى، بېيجىڭ ۋېندېڭ مائارىپ پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، ۋۇخۇ روسېن كارخانا مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، تۈرى كۈندىلىك بۇيۇملار، مائارىپ-كۆڭۈل ئېچىش، تور بېكىتى مۇلازىمىتى قاتارلىقلارغا چېتىلىدىكەن.


分享到: