新闻详情

ئەسقاتىدىغان ئۇسۇللار

发表时间:2020-12-12 17:09作者:ئەلكۈيى来源:头条

ھەربىر ئادەمنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئوڭايسىز ئەھۋالغا دۇچ كېلىدىغان ۋاقتى بولىدۇ. مەسىلەن، مۇھىم يىغىنغا قاتناشقاندا جىددىيلەشكەنلىكتىن كېكىرىش، بۇ خىل ئەھۋال بېسىمنىڭ زىيادە چوڭ بولۇپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى، بەزى كىچىك ئۇسۇللار ئارقىلىق بۇ خىل ئەھۋالنى ياخشىلىيالايمىز مۇمكىن. تۆۋەندە كۆپچىلىككە بەزى ئوڭايسىز ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇشىمىزغا ياردەم بېرىدىغان يەتتە خىل ئۇسۇلنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز!

1. باش قايغاندا ئالقاننىڭ ئوتتۇرىسىنى بېسىپ تۇرۇش

بېسىم ھېس قىلغاندا ياكى بەدەن بىئارام بولغاندا، بەدىنىمىزدە باش قېيىش، قۇسۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ ھەمدە ناھايىتى بىئارام بولىمىز. بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، بۇ خىل ئەھۋالدا ئالىقىنىڭىزنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بىر نۇقتىنى بېسىپ سىناپ باقسىڭىز بەدىنىڭىزدىكى پەيدا بولغان ئاشۇ تۇيغۇلارنى يېنىكلەتكىلى بولىدىكەن.

2. كۆزدىن ياش ئاققاندا باشنى كۆتۈرۈپ، نەپەسنى قىسىش

بىز مەلۇم ئىشلاردىن تەسىرلەنگەن ياكى ئازابلانغان ۋاقتىمىزدا، ھېسسىياتىمىزنى كونترول قىلالماي قالىمىز. بۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر ئۆزىڭىزنى كونترول قىلماقچى بولسىڭىز بېشىڭىزنى كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ بېقىڭ، ئاندىن نەپىسىڭىزنى بىر نەچچە سېكۇنت قىسىۋېلىپ ئاستا نەپەس ئېلىڭ، بۇنداق بولغاندا كۆز يېشىنى توختاتقىلى بولىدۇ.

3. گال قىچىشقاندا قۇلاقنى قاشلاش

گال قىچىشىش ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل تۇيغۇ كۈندىلىك ھەرىكىتىمىزگە تەسىر كۆرسىتىپ باشقا ئىشلارنى كۆڭۈل قويۇپ قىلىشىمىزغا دەخلى قىلىدۇ. بۇخىل ئەھۋالدا قۇلىقىڭىزنى قاشلاپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ، بۇنداق قىلغاندا مۇسكۇللارنىڭ تارتىشىپ قېلىشىنى ۋە قىچىشىشنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

4. ھېق تۇتۇپ قالغاندا قۇلاقنى ئېتىۋېلىپ سۇ ئىچىش

ھېق تۇتۇش بەدەندىكى بىرقەدەر تۆۋەن بولغان جايدىن باشلىنىپ، دىيافراگما، ئۆپكە ۋە ئاشقازان ئارىلىقىدىكى يۇمىلاق چوققىلىق مۇسكۇللاردا كۆرۈلىدۇ. ئادەتتە نەپەس ئالغاندا ئايرىغۇچى پەردە تۆۋەنگە تارتىلىپ، ھاۋانى ئۆپكىگە كىرگۈزىدۇ، ئاندىن نەپەس چىقارغاندا بوشىتىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ھاۋا ئۆپكىدىن، بۇرۇن ۋە ئېغىزدىن ئېقىپ چىقىدۇ. ئەگەر بىرەر نەرسە دىئافراگمىنى غىدىقلىسا ئۇ سپازمىلىنىپ تۇيۇقسىز كېكىردەككە سۈمۈرۈشكە مەجبۇر قىلىدۇ-دە، ھاۋا كېكىردىكىڭىزگە سوقۇلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاۋاز پەردىڭىز تۇيۇقسىز يۇمۇلۇپ ھېق تۇتقاندىكى ئاۋازنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ھېق تۇتۇش نۇرغۇن كىشىلەرنى گاڭگىرىتىپ قويىدۇ، چۈنكى بۇ بىر خىل ئاسان كونترول قىلغىلى بولمايدىغان بەدەن ئىنكاسى بولۇپ، بەزىدە ھەتتا ھەرخىل بېسىملارمۇ بۇ خىل ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ھېق تۇتۇشنى توختاتماقچى بولسىڭىز، بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ ياكى باش بارمىقىڭىزنى ئېغىزىڭىزغا قويۇپ پۈۋلەپ سىناپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ.

5. جىددىيلىشىش ۋە خىجىل بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە ئۈچ سېكۇنت كۆز ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش

ئەگەر سىز جىددىيلەشكەندەك ياكى خىجىل بولغاندەك ھېس قىلسىڭىز، باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىز قالمايدۇ، بۇ ۋاقىتتا بەدەن تىلى ئارقىلىق بۇخىل ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن، سىز بىلەن سۆھبەتلەشكۈچىگە ئۈچ سېكۇنت ئەتراپىدا نەزىرىڭىزنى تاشلاپ، قارشى تەرەپكە پىكىر ئالماشتۇرۇشقا قوشۇلىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ، شۇنداقلا ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى تېخىمۇ نامايان قىلىڭ.

6. چۈشكۈرۈشنى توختىتىش ئۈچۈن تىلنى چىشقا تىرەپ تۇرۇش

چۈشكۈرۈش بەدىنىمىزنىڭ تەبىئىي ئىنكاسى، بىز ئادەتتە ئۇنى توسىيالايمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەجبۇرىي توسۇشمۇ بەدىنىمىزگە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن. لېكىن بەزى ئالاھىدە سورۇنلاردا بۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولسىڭىز قانداق قىلىشىڭىز كېرەك؟ بەلكىم تىلىڭىزنى چىشىڭىزغا 5 سېكۇنتتىن 10 سېكۇنتقىچە تىرەپ تۇرالىسىڭىز چۈشكۈرۈشنى ئازايتالىشىمىز مۇمكىن.

7. جىددىيلىك ھېس قىلغاندا باش بارماققا قاراپ پۈۋلەش

ئاڭلىماققا بەك غەلىتە بىلىنىشى مۇمكىن، بىراق ئۆزىمىزنى بېسىۋېلىپ جىددىيلىكىمىزنى تۈگەتمەكچى بولساق، باش بارمىقىمىزنى 60 سېكۇنت بېسىپ تۇرۇپ سىناپ باقساق بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئاتالمىش ئاداشقان نېرۋىغا ۋە «ئۈچەي سېزىمىمىز» گە مەسئۇل بولىدۇ. ئارقىدىنلا نەپەس سۈرئىتىمىزنى ئاستىلىتىپ ئاندىن باش بارمىقىمىزغا قاراپ پۈۋلەيمىز، بۇنداق قىلغاندا روھىي ھالەتنى پەسەيتىپ، جىددىيلىشىش تۇيغۇسىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.


分享到: