新闻详情

ئالما ھەقىقەتەن كەينىدە قالدىمۇ؟

发表时间:2020-12-12 19:21作者:ئەلكۈيى来源:تىڭشۈن





قايسى ماركىدىكى پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك ساھەدە؟ بىزنىڭ تۇنجى بولۇپ ئويلايدىغىنىمىز سامسۇڭ، خۇاۋېي، ئالما. گەرچە ئالما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەنىلا يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى ساقلاپ كەلگەن، شۇنداقلا iPhone 12 سىستېمىغا يېڭىلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئالما بىز بىلىدىغان بۇرۇنقىدەك ئالما ئەمەس، ئېلان قىلىنغان مەھسۇلاتلاردا ھېچقانداق يېڭىلىق يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە يانفون سېتىش مىقدارىدا يەنىلا خۇاۋېي ئېشىپ كەتتى.

ئۇنداقتا ئالما نېمە ئۈچۈن جوبىس دەۋرىدىكىدەك شانلىق نەتىجە يارىتالمايدۇ؟

ئالما شىركىتىنىڭ ئەربابى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جوبىس بىر دەۋرنى ياراتتى، شۇنداقلا ئالما شىركىتىنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى، پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا چىقاردى، ئۇنىڭ قارمىقىدىكى iPhone Mac پۈتۈن دۇنياغا كەڭ تارقالدى. لېكىن، جوبىستىن كېيىن، ئالما تەدرىجىي ھالدا بىر ئادەتتىكى پەن-تېخنىكا شىركىتىگە ئايلاندى، گەرچە كۇكنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئالما يەنىلا ناھايىتى كۆپ پۇل تاپقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يۇقىرى پەللىسى يوق ئىدى.

ئالما شىركىتى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا قۇرۇلغان بولۇپ، جوبىس ۋە باشقا بىر قانچە ھەمكارلاشقۇچى بىرلىشىپ قۇرغان، ئۇ دەۋردىكى پەن-تېخنىكا ئالاقە تورى تېخى تەرەققىي قىلمىغان بولۇپ، بىخ ھالىتىدە ئىدى، گەرچە ئۈستەل كومپيۇتېرى بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن PC تېرمىنالى دەۋرى تېخى يېتىپ كەلمىگەن ئىدى. ئۇ دەۋردىكى كومپيۇتېرنىڭ كۆرۈنمە يۈزى يوق بولۇپ، پۈتۈنلەي ھەرپ-بەلگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق كونترول قىلىش ئىقتىدارىغا تايانغان، ھەتتا مائۇسنى ئىشلىتىشمۇ ئىنتايىن قولايسىز ئىدى. جوبىس كۆرگىلى بولىدىغان سىستېمىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى كۆرۈپ يېتىپ، كۆرگىلى بولىدىغان كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىدى، ئاندىن ھەجىمى بىر قەدەر كىچىك بولغان ئالما ئۈستەل كومپيۇتېرىنى ياساپ چىقىپ، يۇمشاق دېتال بىلەن قاتتىق دېتالنى مۇكەممەل بىرلەشتۈردى، سىرتقى كۆرۈنۈشتىمۇ ناھايىتى ماسلاشقان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئالما ماركىلىق كومپيۇتېر پۈتۈن دۇنياغا كەڭ تارقىلىپ، دۇنيا بويىچە تۇنجى كۆرۈنمە ئۈستەل يۈزىگە ئىگە بولغان ئۈستەل كومپيۇتېر بولۇپ قالدى.

21-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، PC تېرمىنال دەۋرىنىڭ تەدرىجىي كۆچمە ئالاقە تورى دەۋرىگە ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، جوبىس يەنە تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن iphone ئىجاد قىلدى، بۇ دۇنيادىكى قول بىلەن ئېكراننى كونترول قىلالايدىغان تۇنجى چوڭ ئېكرانلىق يانفون بولۇپ، يانفون ئىچكى قىسمىدىكى يۇمشاق دېتال ئىقتىدارىمۇ ئىنتايىن مول، شۇنىڭدىن باشلاپ، ئالما ماركىلىق خاتىرە كومپيۇتېر، ipad قاتارلىق نەپىس پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلدى، ھەر بىر مەھسۇلات ئۆزگىچە تاشقى كۆرۈنۈش لايىھەسى ۋە مول يۇمشاق دېتال ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ،بۇنى مەھسۇلاتلاردىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئالما شىركىتى جوبىسنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشتىن-ئاخىر پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى ئۈستىدە ئىزدەندى، بۇ ئالمىنى پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى بازاردا سامسۇڭدىن ھالقىپ، دۇنيا بويىچە سېتىلىش مىقدارى ئەڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركىتىگە ئايلاندۇردى.

2012-يىلىغا كەلگەندە تىم كۇك ئالما شىركىتىنىڭ رولىنى قولغا ئالدى. كۇك دەۋرىگە كەلگەندە، ئالما شىركىتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش قەدىمى بىر ئىزدا توختاپ قالدى، بىزگە كۆز ئالدىمىزنى يورۇتىدىغان قارا پەن-تېخنىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەي، جوبىس دەۋرىدىكى شانلىق نەتىجىنى يوقاتتى. ئەمەلىيەتتە بۇ پەقەت بىزنىڭ ئالمىغا بولغان خاتا تونۇشىمىز، ئالما شىركىتى كۇك دەۋرىدە يەنىلا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىنتىلىدۇ، يېڭىلىق يارىتىش قەدىمى ئەزەلدىن توختاپ قالغىنى يوق، پەقەت يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان كۆچمە ئالاقە تورى دەۋرىدە، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان پەن-تېخنىكا ماگناتلىرى ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن، خۇاۋېي، جۇڭشىڭ، OPPO، vivo قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى پەن-تېخنىكا ماگناتلىرى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا نۇرغۇن پاتېنت ھوقۇقىغا ئىگە بولدى، بولۇپمۇ خۇاۋېينىڭ يانفون سېتىش مىقدارى iphone دىن ئېشىپ كەتتى. ئىلگىرىكى ئۇچۇر دەۋرىدە ئالمىغا ئوخشاش پەن-تېخنىكا ماگناتلىرى ئىنتايىن ئاز ئىدى، شۇڭا ئىلگىرىكى دەۋردە ئالمىنىڭ تىغ ئۇچى چەكسىز ئىدى. كۇك يەنە سودا ئەندىزىسىگە بىر قەدەر ئەھمىيەت بېرىدۇ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ساقلاش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئالمىنىڭ بازار قىممىتى كۇكنىڭ يېتەكچىلىكىدە تېز ئېشىپ، يىللىق كىرىمىمۇ تەدرىجىي ئاشتى، مانا بۇ كۇكنىڭ سېھرىي كۈچى. قانداقلا بولمىسۇن ئۇ جوبىس ئەمەس، كۇكنىڭ مېڭىۋاتقىنى ئۆزىنىڭ يولى، شۇڭا ئالما بۇرۇنقىدەكلا ئالما، بىراق ھازىر رەقىبى بەك كۆپ بولۇپ كەتتى.


分享到: