新闻详情

رونالدو بەش چوڭ بىرلەشمىدە رېكورت ياراتتى

发表时间:2020-12-14 03:21作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

بۇ نۆۋەتلىك يۇۋېنتۇس كوماندىسى مېھمان مەيداندا رېنايا كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە، كىرىستىيانو رونالدو ئىككى نۇقتا توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، تاغىل ئات قوشۇنىنىڭ 3-1 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يېڭىشىگە ياردەم بېرىپ، تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە ئوڭۇشلۇق ئۇدا تۆت قېتىم غەلىبە قىلدى.

مۇسابىقىدىن كېيىن Opta نىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن كىرىستىيانو رونالدومۇ مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن 21-ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن ياۋروپادىكى بەش چوڭ بىرلەشمە مۇسابىقىدە 400 توپ كىرگۈزگەن تارىخنى ياراتقان   تۇنجى توپچى بولۇپ قالغان.

بۇ تىزىملىكتە، مېسسى نۆۋەتتە 365 نەتىجە بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇردى، بۇففون 350 نەتىجە بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا تۇردى.

كىرىستىيانو رونالدو بۇ   مۇسابىقە پەسىلىدىن ھازىرغىچە يۇۋىنتۇسقا   ۋاكالىتەن 11 مەيدان رەسمىي مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 10 قېتىم ئاساسلىق ئەزا بولغان، ھازىرغىچە 14 توپ كىرگۈزۈپ، ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەرگەن.


分享到: