新闻详情

«قارا قاپلان» رولىغا ئارتىس تاللاشنى رەت قىلدى

发表时间:2020-12-14 17:57作者:ئەلكۈيى来源:تىڭشۈن




چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مارۋېل كىنوچىلىقىنىڭ CEOسى كېۋىن فېگې «قارا قاپلان 2» (黑豹2) ئۈچۈن قايتىدىن ئارتىس تاللاپ «قارا قاپلان» رولىنى ئالمايدىغانلىقىنى، بۇنداق قىلىشنىڭ سەۋەبى بولسا «قارا قاپلان» رولىنى ئالغان چادۋىك بوسمەنگە بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بۇ يىل 28-ئاۋغۇست، «قارا قاپلان»نىڭ ئارتىسى چادۋېك بوسمەن ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇپ 43 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «قارا قاپلان 2» 2021-يىلى 7-ئايدا ئاتلانتادا سۈرەتكە ئېلىنىدىغان بولۇپ، «سۇرۇي»نىڭ رولىنى ئالغان لېتىتىئا ۋىرگ، «راماندا»نىڭ رولىنى ئالغان، بېسسېت، «ناكىيا»نىڭ رولىنى ئالغان لۇپىتا، «مباكۇ» نىڭ رولىنى ئالغان ۋىنستون قاتارلىقلار ئۆز ۋاقتىدا كىنونىڭ سۈرەتكە ئېلىنىشىغا قاتنىشىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ كىنوغا يەنە نۇرغۇن سەلبىي ئوبرازلار قوشۇلغان بولۇپ، مەستانىلەرنىڭ ئۈمىدىنى چوقۇم يەردە قويمايدۇ.


分享到: