新闻详情

مېسسى: چۈش كوماندىسىغا تاللانغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن ھەم باشقا توپچىلارنى قۇتلۇقلايمەن

发表时间:2020-12-15 12:32作者:ئەلكۈيى تورى来源:سىنا تورى

2020121501170291770.jpg

«فرانسىيە پۇتبولى» ژورنىلى بۇنىڭدىن نەچچە سائەت بۇرۇن، «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتى باھالاش كومىتېتى باھالاپ چىققان پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر 11 كىشىلىك سەپ شەكلىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بارسېلونا كاپىتانى مېسسى، پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوڭ يان ھۇجۇمچى بولۇپ باھالىنىپ، مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگەن تاللانغان، باھالاش ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا مېسسى ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىجتىمائى ئالاقە تورىدىكى مەزمۇنلارنى يېڭىلىغان.

مېسسى ئالاقە تورىدا ئۆزىنىڭ ئالتە «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتى بىلەن بىرگە تۇرغان ۋاقىتتىكى كونا سۈرىتىنى يوللىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا قوشۇپ مۇنداق دەپ يېزىپ قويغان:

«مەن فرانسىيە پۇتبولى باھالىشىدىكى پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر 11 كىشىلىك سەپ شەكلى بولغان «ئالتۇن توپ چۈش كوماندىسى» تاللىنالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن، مەن بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچى ئورۇنغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بۇ ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگە تاللانغان باشقا پۇتبولچىلارنىمۇ قىزغىن قۇتلۇقلايمەن، بۇ سەپ شەكلىگە تاللانغان توپچىلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتەن قالتىس توپچىلار!»

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مېسسى يەنە، ئائىلىسىدىكىلەر ۋە «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتى بىلەن بىرگە چۈشكەن خاتىرە سۈرىتىنىمۇ تورغا يوللىغان.


分享到: