新闻详情

كلوپ FIFA يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ترېنېر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

发表时间:2020-12-18 03:55作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى (FIFA) ئورگان تورى: لىۋېرپول باش ترېنېرى كلوپ 2020-يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ترېنېر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بۇ ئۇنىڭ ئۇدا ئىككى قېتىم بۇ شەرەپكە ئېرىشىشى ھېسابلىنىدۇ!

كلوپ بۇلتۇرمۇ FIFAنىڭ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ترېنېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، كلوپنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى لىۋېرپول 2019/2020 مۇسابىقە پەسلى تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 42 قېتىم ئۇتۇپ بەش قېتىم تەڭلەشكەن ھەمدە سەككىز قېتىم ئۇتتۇرغان، 130 توپ كىرگۈزۈپ 71 توپ كەتكۈزگەن، ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن ھەر بىر مەيداندا 2.38 نومۇرغا ئېرىشكەن. لىۋېرپول كلوپنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى ئارزۇسىغا يېتىپ يەتتە ئايلانما بۇرۇن ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىپ تارىخىي رېكورت ياراتتى، بۇ ئۇلارنىڭ 30 يىلدا تۇنجى قېتىم يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىشى ھېسابلىنىدۇ.

كلوپ يېتەكچىلىكىدىكى لىۋېرپول بۇ مۇسابىقە پەسلىدە 13 قېتىم ئۇتۇپ بەش قېتىم تەڭلەشتى ھەمدە تۆت قېتىم ئۇتتۇردى، ھازىر ئۇلار ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرماقتا، شۇنداقلا ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە گۇرۇپپىدا بىرىنچى بولۇپ شاللاش باسقۇچىغا قەدەم قويدى.

كلوپتىن باشقا، لېز بىرلەشمىسىنىڭ باش ترېنېرى بىلسا، بايرېن مىيۇنخېننىڭ باش ترېنېرى فلىكمۇ بۇ مۇكاپاتنىڭ ئاخىرقى ئۈچ نامزاتلار تىزىملىكىگە كىرگەن.


分享到: