新闻详情

لېۋاندوۋىسكى 2020-يىللىق دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى

发表时间:2020-12-18 03:59作者:ئەلكۈيى تورى来源:سىنا تورى





ئورگان تورى: بايرېن مىيۇنخېن ھۇجۇمچىسى لېۋاندوۋىسكى 2020-يىللىق FIFA ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى مۇكاپاتى (دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى)غا ئېرىشتى، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ شەرەپكە ئېرىشىشى، ئۇ بۇ قېتىم مېسسى بىلەن كرىستىيانو رونالدونى مەغلۇپ قىلدى!

20201218

لېۋاندوۋىسكى 2020-يىلى بايرېن مىيۇنخېن بىلەن بىرگە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى، گېرمانىيە بىرلەشمىسى، گېرمانىيە لوڭقىسى، گېرمانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى، ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى قاتارلىق بەش تۈرلۈك مۇسابىقىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ «بەش شاھ» بولدى، شۇنداقلا 2019/2020-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە 47 مەيدان تۈرلۈك مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 55 توپ كىرگۈزدى ھەمدە 10 ياردەمچى پاس چىقاردى، بۇنىڭ ئىچىدە بىرلەشمىدە 31 مەيداندا 34 توپ، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە 10 مەيداندا 15 توپ كىرگۈزدى ۋە ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا چېمپىيولۇق بىرلەشمىسى، گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتى (مەرگەنلەر شاھى)غا ئېرىشتى.

ئۇ 2020/2021 مۇسابىقە پەسلىدە بايرېن مىيۇنخېنغا ۋاكالىتەن 17 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 18 توپ كىرگۈزدى ھەمدە بەش ياردەمچى پاس چىقاردى، بۇنىڭ ئىچىدە بىرلەشمىدە 11 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 15 توپ كىرگۈزدى، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە تۆت مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ئۈچ توپ كىرگۈزدى.

2006-يىلىدىن بۇيان FIFA يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن توپچىلار:

2006-يىلى: كاناۋارو

2007-يىلى: كاكا

2008-يىلى: كرىستىيانو رونالدو

2009-يىلى: مېسسى

2010-يىلى: مېسسى (دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بىلەن ئالتۇن توپ مۇكاپاتى بىرلەشتۈرۈلگەن)

2011-يىلى: مېسسى

2012-يىلى: مېسسى

2013-يىلى: كرىستىيانو رونالدو

2014-يىلى: كرىستىيانو رونالدو

2015-يىلى: مېسسى

2016-يىلى: كرىستىيانو رونالدو (دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بىلەن ئالتۇن توپ مۇكاپاتى ئەسلىگە قايتتى)

2017-يىلى: كرىستىيانو رونالدو

2018-يىلى: مودرىچ

2019-يىلى: مېسسى

2020-يىلى لېۋاندوۋىسكى


分享到: