新闻详情

پاراۋانلىق لاتارىيە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى يېڭى بىلەت تۈرى

发表时间:2020-12-18 11:17作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

12- ئايدا، 2020- يىلىدىكى تۇنجى قار لەپىلدەپ چۈشۈۋاتاتتى، ئۆي سىرتى كۈمۈش لىباسقا ئورالغان بولۇپ، خۇددى چۆچەك دۇنياسىغا ئوخشاش كۆرۈنەتتى. بۇ گۈزەل قىش پەسلىدە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى ئۆزىنىڭ يېڭى ئەزاسىنى كۈتۈۋالدى.

ـــ«خەن شىزەينىڭ كەچلىك زىياپىتى韩熙载夜宴图» ۋە «ئويې哦耶»، بۇ ئىككى يېڭى ئەزا تولۇپ تاشقان بەخت ۋە سەمىمىيىتى بىلەن كەڭ دوستلار بىلەن كۆرۈشتى.

«خەن شىزەينىڭ كەچلىك زىياپىتى韩熙载夜宴图» دېگەن رەسىمنىڭ يۈزىدە بەش دەۋر، ئون پادىشاھلىق مەزگىلىدىكى جەنۇبىي تاڭ سۇلالىسىدىكى رەسسام گۇ خۇڭجۇڭنىڭ «خەن شىزەينىڭ كەچلىك زىياپىتى韩熙载夜宴图» دېگەن رەسىمى ئاساسىي تېما قىلىنغان بولۇپ، بىلەت يۈزىدە ئەمەلدار خەن شىزەينىڭ ئۆيىدە كېچىلىك زىياپەت ئۆتكۈزۈپ ناخشا ئېيتىپ كۆڭۈل ئېچىۋاتقان كۆرۈنۈش تەسۋىرلەنگەن. بۇ بېلەتنىڭ قىممىتى 30 يۈەن، جەمئىي 11 مۇكاپات دەرىجىسى، 10 قېتىم مۇكاپات چىقىش پۇرسىتى بار. مۇكاپات پۇلىنىڭ قايتۇرۇلۇش نىسبىتى% 65 بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1 مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بۇلىدۇ. ئويۇن قائىدىسى: لاتارىيە بېلىتىنى قىرغاندا، ئەگەر قانچە مۇكاپات سوممىسى چىقىسا شۇنچىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بۇلىدۇ.

1.png

«ئويې哦耶» ، بۇ ئىسىمنى ئاڭلىسىڭىزلا، كىشىگە بىر خىل شادلىق تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ. بىلەت يۈزى دېڭىز بويىدىكى قۇملۇق ساھىلنى باش تېما قىلغان بولۇپ، ئوتتۇرىسىغا بەخت تۇيغۇسىغا تولغان چوڭ كوكۇس پالمىسى قويۇلغان، بۇ بىلەتنى كۆرگەن ئادەمنىڭ بىر پارچە قىرىپ   ئۆزىنىڭ ياخشى تەلىيىنى سىناپ باققۇسى كىلىدۇ. بۇ بېلەتنىڭ قىممىتى بەش يۈەن بولۇپ، جەمئىي سەككىز مۇكاپات دەرىجىسى بار، ئون قېتىم مۇكاپات چىقىش پۇرسىتى بار، مۇكاپات پۇلىنىڭ قايتۇرۇلۇش نىسبىتى%65، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بۇلىدۇ. ئويۇنىنىڭ قائىدىسى: لاتارىيە بېلىتىنى قىرغاندىن كىيىن، ئەگەر«مىۋە چىۋە» رەسىم بەلگىسى چىقسا، بۇ بەلگىنىڭ ئاستىدىكى مۇناسىپ مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. مۇكاپات پۇلى ئوتتۇرا دەرىجىلىك مۇكاپاتقا تەڭ ئېرىشىدۇ.

2.png

«خەن شىزەينىڭ كەچلىك زىياپىتى韩熙载夜宴图» ۋە «ئويې哦耶»، سىز قايسى خىل بېلەتنى بەكرەك ياقتۇرىسىز؟ تېز پاراۋانلىق لاتارىيە سېتىش پونكىتىدىغا بېرىپ ئۇلارنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىپ بېقىڭ! بىر نەچچە پارچە قىرىپ تەلىيىڭىزنى سىناپ بېقىڭ!!

分享到: