新闻详情

پارىژ كىلىشىمنامىسى

发表时间:2020-12-18 11:37作者:ئەلكۈيى来源:سىنا تورى



تىرامپنىڭ قوللىغۇچىلىرى

ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئاخىرلاشتى، بايدېن ئامېرىكىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولۇپ قالدى، تېخى رەسمىي تەختكە چىقمىغان بۇ زۇڭتۇڭ بىر چوڭ ئىشنى قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئامېرىكا قايتىدىن «پارىژ كىلىمات كېلىشىمى»گە قاتنىشىدۇ، ئۇنداقتا تىرامپ بۇ ئىشقا نىسبەتەن قانداق ئىنكاستا بولدى؟ تىرامپ بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قاتتىق غەزەپلەندى، ئارقىدىن 100 مىڭ ئاممىنى ۋاشىنگتوننى قورشاپ ھۇجۇم قىلىشقا قوزغىدى، نۆۋەتتە ۋاشىنگتوننىڭ كوچىلىرىدا تىرامپنى قوللايدىغان ئامما ئوتتۇرىغا چىقىپ، بايدېننىڭ تەختكە چىقىشىغا قارشى تۇردى ھەمدە تىرامپتىن يەنە تۆت يىل ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

پارىژ كىلىمات كېلىشىمى يىغىنى

ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە، زۇڭتۇڭ تىرامپ سودىگەرلىك تەبىئىتىنى تولۇق ئاشكارىلىدى، سودىگەرلەر ئۆزىگە پايدىسىز ھەرقانداق جايدىن كەتكەنگە ئوخشاش تىرامپمۇ بەزى كېلىشىملەردىن قىلچە ئىككىلەنمەستىن ۋاز كەچتى، ئۇ ئامېرىكىنى باشلاپ بىر قاتار خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن چېكىنىپ چىقتى، «پارىژ كىلىمات كېلىشىمى» بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى بولۇپ، بۇ كېلىشىمنىڭ مەقسىتى شەرتنامە تۈزۈشكە قاتناشقان دۆلەتلەردىن ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما ئازايتىشىنى تەلەپ قىلىپ، يەر شارى مۇھىتىنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەش. ئەسلىدە بۇ كېلىشىم ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئادىل بولغان، لېكىن تىرامپ يەنىلا ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ئامېرىكىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويىدۇ، دەپ قاراپ بىراقلا كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىققان.

ھازىر ئامېرىكىنىڭ ئەھۋالىمۇ ھەممىگە ئايان، تىرامپنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئامېرىكا پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ ناچار دۆلەت بولۇپ قالدى، يۇقۇم، مالىمانچىلىق ۋە ئىقتىسادىي كىرىزىس ئامېرىكىنى قاپلىدى. ناھايىتى ئېنىقكى تىرامپ ئامېرىكىنى كىرىزىستىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئامالسىز قالدى، شۇڭا ئامېرىكا خەلقى بايدېننى تاللاپ، ئۇنىڭ ئامېرىكىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتنىڭ قايتىدىن توغرا يولدا مېڭىشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ كرىزىستىن قۇتۇلۇپ قايتىدىن تەرەققىي قىلىشى، پۈتۈن دۇنيانىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن، بايدېن ئالدى بىلەن ئامېرىكىنى باشلاپ بىر قىسىم خەلقئارا تەشكىلاتلارغا قايتىپ كېلىشى كېرەك، ئەمما «پارىژ كىلىمات كېلىشىمى» باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىغا بولغان قارىشىنى ئۆزگەرتىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ، پەقەت ئامېرىكا بۇ كېلىشىمنى ئەسلىگە كەلتۈرەلىسىلا، ئامېرىكىنىڭ مەسئۇلىيەتچان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ، شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ قىزىقىشىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ، بايدېن خەلقارا ئىشلاردا تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى تەدرىجىي ئىگىلىيەلەيدۇ ھەمدە ئامېرىكىنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ.

ناھايىتى ئېنىقكى، تىرامپ بايدېننىڭ پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى خالىمايدۇ، ئۇنىڭ تەختتىن چۈشكۈسى يوق، شۇڭا سايلامدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە «تۆت يىلدىن كېيىن ئاقسارايغا قايتىپ كېلىمەن» دېگەن، بۇنىڭدىن تىرامپنىڭ سايلام نەتىجىسىگە بولغان نارازىلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ئەگەر بايدېن ئامېرىكىنى قايتا گۈللەندۈرەلىسە، ئۇنداقتا بايدېننىڭ قوللاش نىسبىتى ئىزچىل يۇقىرى بولىدۇ، تىرامپنىڭ ئاقسارايغا قايتىپ كېلىش ئۈمىدى ئۈزۈل-كېسىل بەربات بولىدۇ، شۇڭا ئۇ ئامېرىكا خەلقىنى بايدېنغا قارشى تۇرۇشقا قۇتراتتى.

تىرامپ ئامېرىكىنى قالايمىقان قىلىۋەتكەن بولسىمۇ، يەنە نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن كىشى ئۇنى قوللايدۇ؟

چۈنكى تىرامپ ئامېرىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش پىرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ئادەتتىكى ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە ئەھمىيەت بەرگەن، تىرامپ ئۆزى بىر چوڭ مالىيە كاتتىۋېشى بولغاچقا، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ۋاقتىدا باشقا مالىيە زومىگەرلىرىنىڭ چىرايىغا قارىمىسىمۇ بولىدۇ، شۇڭا تەبىئىيلا نۇرغۇن ئامېرىكا خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ، لېكىن ھازىر تىرامپنىڭ دەۋرى ئۆتۈپ كەتتى، مەيلى ئۇ قانداق تىركەشسۇن، ئاقسارايغا قايتالىشى ناتايىن.


分享到: