新闻详情

ئەتە گولوۋكىن يەڭسە بوكس سەھنىسىدە رېكورت يارىتىدۇ

发表时间:2020-12-18 23:47作者:تېڭشۈن تورى来源:ئەلكۈيى تورى

qyxabqa.jpg

گەرچە ئۇ 40 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ (38 ياش)، ئەمما قازاقىستانلىق داڭلىق ماھىر گېننادى گولوۋكىنغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھازىرغا قەدەر 14 يىللىق كەسپى مۇسابىقە ھاياتىدا، ئۇ باشتىن-ئاخىر بەدەن ئېغىرلىقىنى 160 قاداق (72.5كىلوگرام) دەرىجىدە كونترول قىلغان، بۇ بىر«مۆجىزە» دەپ قارالغان. بۈگۈن ئەتىگەندە، گولوۋكىن رەقىبى كامىل (Kamil Szeremeta) بىلەن مۇسابىقىدىن بۇرۇن بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچىگەن، گولوۋكىن ئۆزىنىڭ ساغلام بەدىنىنى نامايەن قىلىپ، كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. بۇ قېتىم گولۋكىننىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 159.2 قاداق (72.2 كىلوگرام) بولۇپ، ئالدىنقى بىر مەيدان مۇسابىقە بىلەن، يەنى بۇلتۇر 10-ئايدا سېرگىي دېرېۋيانچېنكو (Sergiy Derevyanchenko) بىلەن مۇسابىقىلەشكەن ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش، ئۇنىڭ رەقىبى كامىل ئازراق يېنىكلىگەن بولۇپ، 159 قاداق (72.1 كىلوگرام) كەلگەن، ھەر ئىككىلىسى ئوتتۇرا دەرىجىلىكتە بەلگىلەنگەن يۇقىرى چەككە 160 قاداق (72.5كىلوگرام)غا يېتەلمىگەن.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، گولوۋكىن ئۆزىنىڭ دۇنيا چېمپىيونى بولۇشىغا كۆنۈپ قالدى، گەرچە بۇ قېتىم كامىل بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ ئەمەلىي كۈچ جەھەتتە ماس كەلمەيدۇ دەپ قارالغان بولسىمۇ، لېكىن ئەگەر ئەتە گولوۋكىن رەقىبىنى يېڭەلىسە، ھەرگىزمۇ بىر مەيدان چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ قېلىش مۇسابىقىسىنى تاماملاشتەك ئۇنداق ئاددىي ئىش ئەمەس، ئۇ چاغدا گولوۋكىن ئۆزى تەۋە بولغان ئوتتۇرا دەرىجىلىكلەر بويىچە يېڭى بوكس رېكورتىنى يارىتىدۇ.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك بوكس ساھەسىدە ئۇدا چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ قېلىش رېكورتى گولوۋكىن بىلەن «جاللات» بېرنارد خوپكىنسنىڭ ئورتاق كونتروللۇقىدا بولغان. گولوۋكىن 2010-يىلىدىن باشلاپ ئۇدا 20 قېتىم چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ كەلگەن، بۇ WBC، WBA، IBF ئالتۇن بەلباغ كەمىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، خوپكىنسمۇ ئوخشاشلا ئۇدا 20 قېتىم چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ قالغان، پەقەت شۇ مەزگىلدە ئۇ گولوۋكىندىن بىر بوكس شاھى ئالتۇن بەلبىغى WBOنى كۆپ ئالغان.

گولوۋكىننىڭ ئۇدا چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ قالغان ھۆكۈمرانلىقى تاكى 2018-يىلى كانېلو ئالۋارېز تەرىپىدىن ئاخىرلاشتۇرۇلغانغا قەدەر بولۇپ، ئەينى چاغدا گولوۋكىننىڭ قارشى تەرەپ بىلەن بولغان ئىككى قېتىملىق ئېلىشىشتا ئاز تولا ئەپسۇسلانغان، خوپكىنىسنىڭ ئۇدا چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ كەلگەن ھۆكۈمرانلىقى 2005-يىلى (زەھەرلىك يىلان) جېيمان تايلورغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ ئاياقلاشقان، كېيىن ئۇ يەنە ئوتتۇرا دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە ئوتتۇرىغا چىقمىغان. بىراق، ئەتە گولوۋكىن كامىلنى يەڭسە، ئۇ تەۋە دەرىجىلىكلەرنىڭ جەمئىي چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ قېلىش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىرىنچى ماھىر بولۇپ قالىدۇ، چۈنكى ئىلگىرىكى ئۇدا 20 مەيدان چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ قېلىشنى ھېسابلاپ، بۇنىڭغا كامىلنى يېڭىپ چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ قېلىش قوشۇلسا، جەمئىي چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ قېلىش قېتىم سانى 21 مەيدانغا يېتىدۇ، بۇنىڭغا ئوتتۇرا دەرىجىلىكتە نۆۋەتتە ھېچكىم يېتىشەلمەيدۇ، شۇڭا بىز گولوۋكىننىڭ يېڭى رېكورت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


分享到: