新闻详情

نايىڭنىڭ زادى قانچىلىك پۇلى بار؟

发表时间:2020-12-19 16:01作者:爱酷艺来源:腾讯



تاماشا چەمبىرىكىدىكى چولپانلار ئىزچىل كەڭ تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، مەيلى سودا ياكى مۇھەببەت جەھەتتە بولسۇن، ئوخشاشلا ھەممىسى بىزنىڭ دىققىتىمىزنى ۋە قىزغىنلىقىمىزنى قوزغايدۇ.

ئەمەلىيەتتە، تاماشا چەمبىرىدىكى سەنئەتكارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر كەسىپنى قولغا كەلتۈرۈش ئاسان ئەمەس، ئۇلار ئۆز كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرغاندا، ئاندىن باشقا ساھەلەرگە ئاتلىنىپ پايدا ئالىدۇ. ئۇلار نام چىقارغاندىن كېيىنمۇ ئۆي-زېمىن سېتىۋېلىشنى تاللايدۇ، سەنئەتكارلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇنداق.

بۈگۈن سىلەرگە تونۇشتۇرماقچى بولغان بۇ چولپىنىمىز بولسا، تاماشا ساھەسىدە ناھايىتى زور ئالقىشقا ئېرىشكەن، شۇنداقلا ناھايىتى كۆپ مەبلىغى بار بولغان ئايال ناخشىچى، ئۇ بولسىمۇ ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان نا يىڭ (那英).

نا يىڭ بولسا جۇڭگودىكى داڭلىق ناخشىچى، ناخشا ساھەسىدىمۇ بىر كىشىلىك ئورنى بار. ئۇنىڭ كەسپىي تەرەققىياتىمۇ ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولغان، لېكىن مۇھەببەت جەھەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان. نا يىڭ شېنياڭدا تۇغۇلغان، كىچىك ۋاقتىدا ناخشا ئېيتىشنى ياخشى كۆردىغان بولۇپ، ئۇ 12 يېشىدىلا بالىلار رادىيو خور ئۆمىكىگە قاتناشقان.

نا يىڭ ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن بالا ناخشىچىلارنىڭ ئاساسلىق ناخشىچىسى بولغان، بىر مەزگىل ئۇ كۆپچىلىكنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپلا قالماي، ناخشا كەسپىنى بارغانسېرى قىزغىن سۆيىدىغان بولغان.

16 ياشقا كىرگەندە، نا يىڭ كۆپ قېتىم مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاخىرى شېنياڭ ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكىگە كىرگەن. ئۇ ئەتراپىدىكى ھەممە نەرسىگە پىششىق بولمىغاچقا، ھېچكىم ئۇنىڭ بىلەن خور ئېيتىشنى خالىمغان.

ئەمما نا يىڭ ناھايىتى تەلەيلىك بولۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ باش ناخشىچى بولغان، ھەمدە ئۆزىنىڭ ئويۇن قويۇش ئىشلىرىنى باشلىغان. كېيىن نا يىڭ ئۆسمۈر ناخشىچىلار مۇسابىقىسىدە كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، گو جيەنفېننىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغان.

نا يىڭنىڭ كەسپىي تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغاندا، ئۇ گاۋ فېڭ بىلەن تونۇشقان. گەرچە گاۋ فېڭ قارىماققا ئادەتتىكىچە كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇلار بىر يۇرتلۇق بولغاچقا، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مۇھەببەتلەشكەن.

گاۋ فېڭ ئىلگىرى جۇڭگو پۇتبول كوماندىسىنىڭ بىر ئەزاسى ئىدى، لېكىن ئۇ سالامەتلىك تەكشۈرۈتكەندە قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.

نا يىڭ تېخى ھامىلدار بولغان مەزگىلىدە، گاۋ فېڭنىڭ تۇيۇقسىز ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن تويدىن بۇرۇن تۇغۇلغان ئۈچ ياشلىق بالىسىنىڭ بارلىقى ئاشكارىلانغان. ئۇ بۇ ئىشنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ سۆز چۆچەكلەرگە ئىشەنمەي، گاۋ فېڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەن.

شۇنىڭدىن كېيىن، گاۋ فېڭنىڭ تويدىن بۇرۇن تۇغۇلغان بالىسىنىڭ خەۋىرى بارغانسېرى تارقىلىشقا باشلىغان، دەسلەپتە گاۋ فېڭ بۇ بالىنى ئېتىراپ قىلمىغان، ئەمما ئۇ ئامالسىزلىقتىن بالىسى بىلەن DNAنى باھالاشقا مەجبۇر بولغان، نەتىجىدە بۇ بالا ھەقىقەتەن گاۋ فېڭنىڭ ئۆز بالىسى بولۇپ چىققان.

نا يىڭمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بولۇپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا ئىككەيلەن ئايرىلىپ كەتكەن.

گەرچە ئىككىيلەن ئايرىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئون يىل مۇھەببەتلەشكەن بولغاچقا، نا يىڭ يەنىلا زور تەسىرگە ئۇچراپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئازاب ئىچىدىن چىقالمىغان. بەختكە يارىشا، بۇ بىر مەزگىلدە مېڭ توڭ ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىپ، ئۇنى ئۈن ـ تىنسىز قوللاپ كەلگەن.

نا يىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەزگىللىك مۇھەببەتتىن ئاستا-ئاستا قۇتۇلۇپ چىقىپ، ئاخىرىدا، مېڭ توڭ بىلەن توي قىلغان. ئۇلار توي قىلغاندىن كېيىن، تۇرمۇشىمۇ ناھايىتى شېرىن ۋە بەختلىك بولغان بولۇپ، ئىككەيلەن يەنە قىز پەرزەنتلىك بولغان.

نا يىڭ كەسىپتە ۋە مۇھەببەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، ئۇ گەرچە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشكەن.

نا يىڭ داڭلىق ناخشىچى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىر قۇدرەتلىك باي ئايال ھېسابلىنىدۇ. ئۇ كەسىپتە ئۇتۇق قازانغان چاغدا نۇرغۇن پۇل تېپىپ، چوڭ داچا سېتىۋالغان.

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، نا يىڭ نۇرغۇن قېتىم ئۆي كۆچۈپ بولغان، ھەر قېتىم ناھايىتى ھەشەمەتلىك ئۆيلەرگە كۆچكەن، ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەينى چاغدا نا يىڭ دوڭشەن داچىسىدا تۇرغان.

دوڭشەن داچىسىنىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە بىرىنچى ھەشەمەتلىك داچا دېگەن نامى بار، ئۇنىڭ ئورنى شەرقىي 4-ئايلانمىنىڭ كۈنگەي تەرىپىدە بولۇپ، ئۇنىڭ داچىسىنىڭ كۆلىمى 1150 كىۋادرات مېتىرغا يېتىدىكەن.

قارىغاندا، نامراتلىق بىزنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىمىزنى چەكلەپ قويغاندەك قىلىدۇ، ئۇنىڭ داچىسى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئۇنىڭ 1150 كۋادرات مېتىرلىق ئۆيىنىڭ باھاسى 148 مىليون يۈەن ئىكەن.

بۇ ئۇنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك، قانچىلىك باي ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، بۇ سان بىزگە نىسبەتەن ناھايىتى چوڭ سان ھېسابلىنىدۇ، بىز بىر ئۆمۈر تىرىشىپمۇ بۇنچىلىك كۆپ پۇل تاپالمايمىز.

بەلكىم بىز ئۇ ئۆينىڭ خوجىلىق ھەققىنىمۇ تۆلىيەلمەسلىكىمىز مۇمكىن، قارىماققا، ناھايىتى ئاددىي-ساددا كۆرىنىدىغان نا يىڭنىڭ ئەمەلىيەتتە بۇنچىلىك كۆپ پۇلىنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ باقمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن.

بايلارنىڭ تۇرمۇشى بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىن ھالقىپ كېتىدۇ، شۇڭا بىز بۇ ئۆمرىمىزدە داۋاملىق كۈرەش قىلىشىمىز لازىم، لېكىن بىز يەنىلا ئۆز خىزمىتىمىزنى ياخشى ئىشلەپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈسەكلا، شۇ كۇپايە.


分享到: