新闻详情

لېۋېركۇسېن 2:1 بايرېن مىيۇنخېن

发表时间:2020-12-20 12:58作者:ئەلكۈيى تورى来源:جىبوبا تورى




بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى سەھەر سائەت 1:30دا 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى گېرمانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 13-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان كۈچلۈكلەر ئۇچرىشىشى بايېر ماھارەت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، لېۋېركۇسېن كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا بايرېن مىيۇنخېن بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە لېۋېركۇسېن كوماندىسىدىن شىك بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، يەنە بىر قېتىملىق ھۇجۇمدا شىك يەكمۇيەك ھالەتتە بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئىناۋەتسىز قىلىندى، بايرېن مىيۇنخېندىن لېۋاندوۋىسكى كاللا توپتىن بىرنى كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈردى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئىككى كوماندىنىڭ 1:1 نەتىجىدە تەڭلىشىشى بىلەن ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە بايرېن مىيۇنخېندىن مۇسىيالانىڭ تەپكەن توپى قاپقا تۆمۈرىگە تەگدى، لېۋاندوۋىسكى يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، مۇسابىقە غەلبىسىنى مۇقىملىدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا بايرېن مىيۇنخېن مېھمان مەيداندا 1:2 نەتىجىدە لېۋېركۇسېننى مەغلۇپ قىلدى.

مۇسابىقە باشلىنىپلا ساھىبخان مەيداندىكى لېۋېركۇسېن ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 14 مىنۇت بولغاندا لېۋېركۇسېن بىر توپ كىرگۈزۈپ مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، لېۋېركۇسېن ھۇجۇم تەشكىللەپ، ئامىرىنىڭ ئوڭ تەرەپتىن پاس بېرىشى بىلەن شىك چەكلەنگەن رايون ئىچىدە توپنى توختاتمايلا ھاۋادىن قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، ئارىدىن 14 مىنۇت ئۆتكەندە شىك يەكمۇيەك ھالەتتەبىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، رىپېر ئورۇن ھالقىغان دەپ ھۆكۈم قىلىپ، كىرگەن توپنى ئىناۋەتسىز قىلدى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 43 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، بايرېن مىيۇنخېن بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈردى، بايرېن مىيۇنخېن ھۇجۇم تەشكىللەپ، توماس مۇللېرنىڭ ئوڭ تەرەپتىن پاس بېرىشى بىلەن لېۋاندوۋىسكى قاپقا ئالدىدا توپنى كاللا بىلەن ئۈسسۈپ قاپقىغا كىرگۈزدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئىككى كوماندىنىڭ 1:1 نەتىجىدە تەڭلىشىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ، لېۋېركۇسېن يەنىلا ئالدى بىلەن ھۇجۇم باشلىدى، ئامىرىنىڭ يىراقتىن تەپكەن توپىنى قاپقىچى تۇتۇۋالدى، بايرېن مىيۇنخېندىن گىنابرىنىڭ تەپكەن توپىنىمۇ قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، يەنە بىر قېتىملىق ھۇجۇمدا مۇسىيالانىڭ تەپكەن توپى قاپقا تۆمۈرىگە تەگدى، مۇسابىقە ئاخىرلىشىش باسقۇچىدا بايرېن مىيۇنخېن بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، بايرېن مىيۇنخېن ھۇجۇم تەشكىللەپ مۇسىيالانىڭ پاس بېرىشى بىلەن لېۋاندوۋىسكى چەكلەنگەن رايون ئىچىدە توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا بايرېن مىيۇنخېن مېھمان مەيداندا 1:2 نەتىجىدە لېۋېركۇسېننى مەغلۇپ قىلىپ، بىرلەشمە رەت تەرتىپىدە سەركىلىك ئورۇنغا چىقتى.


分享到: