新闻详情

پارما 4:0 يۇۋېنتۇس

发表时间:2020-12-20 13:06作者:alkuyi.com来源:zhibo8




بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى سەھەر سائەت 3:45تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 13-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە تاردىنى توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، پارما كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا يۇۋېنتۇس بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە يۇۋېنتۇس كوماندىسىدىن موراتانىڭ ئىككى قېتىم ياردەم پاس بېرىشى بىلەن كۇلۇسېۋىسكى ۋە كرىستىيانو رونالدو بىردىن توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە يۇۋېنتۇسنىڭ ئىككى توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا رونالدو يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى تېخىمۇ چوڭايتتى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ ئاخىرلىشىش باسقۇچىدا موراتا كاللا توپتىن بىرنى كىرگۈزۈپ، مۇسابىقە غەلبىسىنى مۇقىملىدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا يۇۋېنتۇس مېھمان مەيداندا 0:4 نەتىجىدە پارما كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

مۇسابىقە باشلىنىپلا مېھمان مەيداندىكى يۇۋېنتۇس ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، بېنتانكۇرنىڭ تەپكەن ئىختىيارى توپىنى قاپقىچى توسۇۋالدى، پارما قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، كۇزكانىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 22 مىنۇت بولغاندا يۇۋېنتۇس بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، يۇۋېنتۇس ھۇجۇم تەشكىللەپ، ئالكىس ساندرونىڭ تەپكەن توپىنى موراتا چەكلەنگەن رايون ئىچىدە كەينىگە يەتكۈزدى، كۇلۇسېۋىسكى توپنى توختاتمايلا بىۋاستە قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، ئاردىن ئۈچ مىنۇت ئۆتكەندە يۇۋېنتۇس يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، يۇۋېنتۇس ھۇجۇم تەشكىللەپ، موراتانىڭ سول تەرەپتىن پاس سېلىشى بىلەن رونالدو قاپقا ئالدىدا توپنى كاللا بىلەن ئۈسسۈپ قاپقىغا كىرگۈزدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە يۇۋېنتۇسنىڭ ئىككى توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى.



كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يۇۋېنتۇس يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى تېخىمۇ چوڭايتتى، يۇۋېنتۇس ھۇجۇم تەشكىللەپ، رامسېينىڭ پاس بېرىشى بىلەن رونالدو چەكلەنگەن رايون ئىچىدە سول تەرەپ كىچىك بۇلۇڭدىن توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، پارما ھۇجۇم تەشكىللەپ، كۇزكانىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 54 مىنۇت بولغاندا، يۇۋېنتۇس ھۇجۇم تەشكىللەپ، دېلىگت بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما رىپېر تەرىپىدىن ئىناۋەتسىز قىلىندى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 85 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، يۇۋېنتۇس يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، مۇسابىقە غەلبىسىنى مۇقىملىدى، يۇۋېنتۇس ھۇجۇم تەشكىللەپ، بېرناردىسچىنىڭ سول تەرەپتىن پاس يەتكۈزۈشى بىلەن، موراتا قاپقا ئالدىدا توپنى كاللا بىلەن ئۈسسۈپ قاپقىغا كىرگۈزدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا يۇۋېنتۇس مېھمان مەيداندا 0:4 نەتىجىدە پارما كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.



分享到: