新闻详情

بارسېلونا 2:2 ۋالېنسىيە

发表时间:2020-12-20 13:09作者:alkuyi.com来源:zhibo8




بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچ سائەت 23:15تە باشلانغان 2020/2021 مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 14-ئايلانمىسىدا بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا ۋالېنسىيە بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ۋالېنسىيەدىكى دىياكابى بىر توپ كىرگۈزۈپ ۋالېنسىيەنى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈردى، ئارقىدىن مېسسى نۇقتا توپ پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، گەرچە نۇقتا توپنى كىرگۈزەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن قايتقان توپتىن ئالبانىڭ پاسىنى ئېلىپ كاللا توپ كىرگۈزدى؛ كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئاراۋخو يانچە ئىلمەك توپتىن بىرنى كىرگۈزۈپ بارسېلونانى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈردى، لېكىن ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەيلا ۋالېنسىيەدىكى ماكس گومېز بىر توپ كىرگۈزۈپ نومۇر پەرقىنى تەڭلەشتۈردى. ئاخىرىدا، بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا 2:2 نەتىجىدە ۋالېنسىيە بىلەن تەڭلىشىپ، ئۇدا غەلىبە قىلىش قەدىمى توختىدى، ۋالېنسىيە بەش ئايلانما غەلىبە قىلالمىدى. مېسسى بۇ مۇسابىقىدە بىر توپ كىرگۈزۈپ بارسېلونا ئۈچۈن كىرگۈزگەن توپىنى 643كە يەتكۈزدى ھەمدە پۇتبول شاھى پېلىنىڭ يەككە كۇلۇب ئۈچۈن ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزۈش رېكورتى بىلەن تەڭلەشتى.

ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ تېزلا مۇسابىقە رېتىمىگە كىردى، 28-مىنۇتتا دىياكابى بۇلۇڭ توپ پۇرسىتىدە بىر كاللا توپ كىرگۈزدى، 45-مىنۇتتا بارسېلونا نۇقتا توپ پۇرسىتىگە ئېرىشتى، گاياغا باشتا قىزىل كارتا بېرىلىپ، ئاندىن سېرىق كارتىغا ئۆزگەرتىلدى، مېسسى بۇ نۇقتا توپنى كىرگۈزەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن قايتقان توپ ئالبانىڭ پۇتىغا چۈشكەندىن كېيىن، ئالبانىڭ پاس چىقىرىشى بىلەن مېسسى كاللا توپ كىرگۈزدى، بارسېلونا 1:1 ۋالېنسىيە.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە بارسېلونا ھۇجۇمنى كۈچەيتتى، 51-مىنۇتتا ئاراۋخو چەكلەنگەن رايونى ئىچىدە يانچە ئىلمەك توپتىن بىرنى كىرگۈزۈپ بارسېلونانى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈردى، مېسسىمۇ كۆپ قېتىم ھۇجۇم قوزغىدى، 68-مىنۇتتا گايانىڭ پاس بېرىشى بىلەن ماكس گومېز چەكلەنگەن رايونى ئىچىدە بىر توپ كىرگۈزۈپ نومۇر پەرقىنى تەڭلەشتۈردى، 74-مىنۇتتا مېسسىنىڭ چەكلەنگەن رايونى ئىچىدە تەپكەن توپى توسۇۋېلىندى، 82-مىنۇتتا مېسسى تەپكەن ئىختىيارى توپ ئېگىز چىقىپ كەتتى، 83-مىنۇتتا ترىنكاۋنىڭ تەپكەن توپى توسۇۋېلىندى، مېسسىنىڭ چەكلەنگەن رايونى ئىچىدە تەپكەن توپىمۇ توسۇۋېلىندى، ئاخىرىدا ئىككى كوماندا باشقا توپ كىرگۈزەلمىدى، بارسېلونا 2:2 ۋالېنسىيە.


分享到: