新闻详情

يۇقۇمنىڭ مەنبەسى ئېنىقلاندى!

发表时间:2020-12-20 17:44作者:爱酷艺来源:央视



داليەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتى بويىچە ئاچقان 50-قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا داليەندىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ مەنبەسىگە ئائىت ئەڭ يېڭى ئەھۋال تونۇشتۇرۇلدى.

يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئالتە ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى ۋە يېمەكلىك تاشقى ئورالمىسىنىڭ ئەۋرىشكىسىگە قارىتا ئىلىپ بېرىلغان ۋىرۇسنىڭ پۈتۈن گېن گۇرۇپپىسىنى ئۆلچەش تەرتىپى نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ۋىرۇس L گېن تىپىدىكى ياۋروپا سىستېمىسى L2 تارمىقىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كەلگەن، بۇ نەتىجە يۇقۇمنىڭ چەتئەلدىن كىرگەنلىكىنى قوللىغان؛ ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىنىڭ پۈتۈن گېن گۇرۇپپىسى قاتارىنىڭ بۇ ۋىرۇس تارمىقى بىلەن بولغان مەنبەداشلىقى %100 بولۇپ، ۋىرۇسنىڭ ئورتاق كېلىش مەنبەسى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.


分享到: