新闻详情

غەرىبكە ساياھەتتىكى سىرلار

发表时间:2020-12-21 16:38作者:ئەلكۈيى تورى来源:تور دۇنياسى

2.gif

640-59.png




ھەممىگە ئايان، «غەربكە ساياھەت» بولسا جۇڭگونىڭ تۆت داڭلىق كىلاسسىك ئەسىرىنىڭ بىرى، كۆپچىلىك ئەسلى ئەسەرنى ئوقۇمىغان تەقدىردىمۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئارقىلىق غەربكە ساياھەت ۋەقەلىكىنى بەلگىلىك دەرىجىدە چۈشىنەلەيدۇ. ھالبۇكى، بىز كۆرگەن «غەربكە ساياھەت»كە مۇناسىۋەتلىك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ ھەممىسىلا «غەربكە ساياھەت» ئەسىرى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ سۈرەتكە ئېلىنغان، شۇڭا «غەربكە ساياھەت» ئەسىرىدىكى بىر قىسىم نۇقتىلارنى كۆپچىلىكنىڭ بىلىشى ناتايىن، يەنى سۈرەتكە ئېلىنمىغان بەزى ھەقىقىي ئەھۋاللار كۆپچىلىككە نىسبەتەن يەنىلا ناتونۇش، ئۇنداقتا بىز بىرلىكتە «غەربكە ساياھەت»كە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلمەيدىغان سەككىز ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرۈپ باقايلى!

1. شا سېڭ بولسا تاڭ سېڭنىڭ گۆشىنى يەپ باققان بىردىنبىر ئادەم

شا سېڭنىڭ تاڭ سېڭنى قوغداپ نوم ئالغىلى بېرىشتىن بۇرۇن، ليۇشاخې دەرياسىدىكى بىر ئالۋاستى ئىكەنلىكىنى تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. تاڭ سېڭ بولسا بۇ دۇنياغا جەمئىي 10 قېتىم تۆرەلدۈرۈلگەن، شۇڭا نوم ئېلىش سەپىرىگىمۇ 10 قېتىم ئاتلانغان. ئەمما ئالدىنقى توققۇز قېتىملىق تۆرەلمىشىدە ھەر قېتىم ليۇشاخې دەرياسى بويىغا كەلگەندە بولسا شا سېڭ ئۇنى يەۋەتكەن. كۆپچىلىك بۇنىڭدىن تاڭ سىڭنىڭ ھەقىقەتەن ئىنتايىن جاھىل ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلەيدۇ، ھەر قېتىم ئوخشاش بىر جايدا ئوخشاش بىر ئالۋاستى تەرىپىدىن يەۋېتىلگەن بولسىمۇ ئەمما ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىشنى خالىمايدۇ.

2. «غەربكە ساياھەت»تىكى ئەڭ قىممەتلىك قورال-ياراغ

تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئالتۇن گۈرزىسىنى ئوبدان بىلىدۇ، بۇ ئالتۇن گۈرزىنى سۇن ۋۇكۇڭ لىڭتەي تېغىدىكى شۇبۇدى ئۇستازدىن ھۈنەر ئۆگىنىپ، چىمەن تاققا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن شەرقىي دېڭىز ئەجدەرشاھىنىڭ ئوردىسىغا بېرىپ ئەكەلگەن. نۇرغۇن كىشىلەر سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئالتۇن گۈرزىسىنى «غەربكە ساياھەت» جەريانىدىكى ئەڭ قىممەتلىك قورال-ياراغ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇنداق ئەمەس، غەربكە ساياھەت جەريانىدىكى ئەڭ قىممەتلىك قورال-ياراغ بولسا جۇ باجيېنىڭ توققۇز چىشلىق تىرنىسى بولۇپ، توققۇز چىشلىق تىرنا ئەڭ ئەتىۋارلىق گۆھەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، گەرچە بۇ ئىككىلا قورالنى ئەۋلىيا ئۇستاز ئۆز قولى بىلەن ياسىغان بولسىمۇ، ئەمما ئالتۇن گۈرزە بولسا پەقەت دەريالاردا ئىشلىتىلىدىغان ئۆلچەش قورالى ئىدى.

3. ئەۋلىيا-ئەنبىيالار يېمەكلىكتىن چەكلەنمەيدۇ

سۇن ۋۇكۇڭ ئوردىنى مالىمان قىلغاندىن كېيىن تاتىھاگاتو تەرىپىدىن ئاناسىر تېغىغا باستۇرۇۋېتىلىدۇ، ئاندىن كېيىن يۇرۇن سۇلتان زىياپەت بېرىپ ئۇنى كۈتۈۋالىدۇ. ئەسلىي ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن تاماق تىزىلكىلىدىكى تۆت خىل قورۇما بولسا ئەجدىھا جىگىرى، سۇمۇرغ يىلىكى، ئېيىق تاپىنى، ئورانگۇتان كالپۇكى قاتارلىقلار بولۇپ، بۇنىڭدىن ئەۋلىيالار ۋە بۇددالارنىڭ يېمەكلىككە چەكلىمە قويمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

4. كالا دىۋە بولسا غەربكە ساياھەتتىكى بىردىنبىر مىنىدىغىنى بار ئالۋاستى

«غەربكە ساياھەت» جەريانىدا نۇرغۇنلىغان ئالۋاستىلار تەسۋىرلىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەۋلىيالارنىڭ مىنىدىغان ئەرمەكلىرىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن، لېكىن غەربكە ساياھەت جەريانىدا يەنە مىنىدىغان ئەرمەك ھايۋىنى بار بىر ئالۋاستى ئۇچرايدۇ، ئۇ بولسىمۇ سۇن ۋۇكۇڭ قاتتىق چوڭ كۆرىدىغان كالا دىۋە، كالا دىۋىنىڭ بۇ ئەرمەك ھايۋىنىنىڭ تولۇق ئىسمى سۇدىن قاچار ئالتۇن كۆزلۈك ھايۋان بولۇپ، ئۇنىڭ سىرتقى قىياپىتى قارىماققا بوبرا كېيىككە ئوخشايدۇ، يەنە كېلىپ بۇ ھايۋان بۇلۇتتا پەرۋاز قىلىپ سۇغا چۆكەلەيدۇ.

5. «غەربكە ساياھەت» جەريانىدىكى بىردىنبىر ئالۋاستىلار دۆلىتى

«غەربكە ساياھەت» جەريانىدىكى شىر تۆگە مەملىكىتى بولسا ئەسلىدە بىر دۆلەت بولۇپ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا شىر، پىل شەكىللىك ئالۋاستىلار بۇ يەرگە كېلىپ بۇ دۆلەتتىكى بارلىق كىشىلەرنى يەپ تۈگىتىپ ئاندىن بۇ دۆلەتنى ئىشغال قىلغان، كېيىن بۇ ئالۋاستىلار بۇ يەرگە يەنە نەچچە ئون مىڭ ئالۋاستىلارنى توپلاپ، «غەربكە ساياھەت» سەپىرىدىكى بىردىنبىر ئالۋاستى دۆلىتى بولۇپ قالغان.

6. يۇرۇن سۇلتاننىڭ سىرلىق ئارقا كۆرۈنۈشى

تاتىھاگاتونىڭ ئېيتىشىچە، يۇرۇن سۇلتان كىچىكىدىن تارتىپ 1750 قېتىملىق تاۋلىنىشنى تاماملىغان بولۇپ، ھەر بىر قېتىملىق تاۋلىنىشنىڭ ۋاقتى 129 مىڭ 600 يىل بولغان. ئۇنداقتا تاتىھاگاتو بۇددانىڭ ئېيتقىنى بويىچە ھېسابلىغاندا، يۇرۇن سۇلتان تىرىئاس ئېراسىدىن باشلاپلا تاۋلىنىشنى باشلىغان بولۇشى مۇمكىن، تىرىئاس ئېراسى ئوتتۇرا ھاياتلىق ئېراسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 250 مىليون يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ، مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، يۇرۇن سۇلتاننىڭ يېشى ئاز دېگەندىمۇ 200 مىليون ياشتىن ئاشقان بولىدۇ. ئەسلىي ئەسەردە ئېيتىلىشىچە، تاتىھاگاتو يۇرۇن سۇلتاننىڭ ئالدىدا ئۆزىنى پېشقەدەم راھىب دەپ ئاتىغان، سۇن ۋۇكۇڭنى بويسۇندۇرغاندا بولسا يۇرۇن سۇلتان تەرىپىدىن قۇتقۇزغۇچى دەپ ئاتالغان، مۇشۇ بويىچە بولغاندا يۇرۇن سۇلتان چوقۇم تاتىھاگاتودىن تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ.

7. «غەربكە ساياھەت» داۋامىدا ئەجدىھالارنىڭ ئورنى ناھايىتى تۆۋەن

ئەجدىھا كۆپچىلىككە ناتونۇش ئەمەس، لېكىن «غەربكە ساياھەت» داۋامىدا ئەجدىھالارنىڭ ئورنى ناھايىتى تۆۋەن تۇرىدۇ، نۇرغۇنلىغان جىن-ئالۋاستىلار ئەجدىھا تۇتۇپ يەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئەڭ دەسلەپتە قالايمىقان قىلغىنى دەل ئەجدىھا ئوردىسىدۇر.

8. «غەربكە ساياھەت» تىكى ئارقا كۆرۈنۈشى يوق تۇرۇپ تۇتۇپ كېتىلمىگەن ياكى ئۆلتۈرۋېتىلمىگەن بىردىنبىر ئالۋاستى

كۆپچىلىككە مەلۇم، «غەربكە ساياھەت» جەريانىدا ئۇچرىغان ئارقا كۆرۈنۈشى يوق ئالۋاستىلار يا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ يا تۇتۇپ كېتىلىدۇ، لېكىن ئارقا كۆرۈنۈشى يوق تۇرۇپمۇ تۇتۇپ كېتىلمىگەن ياكى ئۆلتۈرۋېتىلمىگەن بىردىنبىر ئالۋاستى بولسا توققۇز باشلىق قۇرت. توققۇز باشلىق قۇرت داگوبا مۇنارىدا گۆھەر ئوغرىلاپ سۇن ۋۇكۇڭ بىلەن تۇتۇشۇپ قالىدۇ، ئەمما كېيىن سۇن ۋۇكۇڭ ئىككىنچى شاھزادە بىلەن بىرلىشىپ ئۇنى مەغلۇپ قىلىدۇ، ئاخىرىدا بولسا توققۇز باشلىق قۇرت يارىلىنىپ شىمالىي دېڭىزغا قېچىپ كېتىدۇ.

كۆپچىلىكنىڭ بۇ توغرىسىدا يەنە بىلىدىغانلىرى بولسا سۆز قالدۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز!

素材.jpg

素材2.jpg

素材3.jpg

素材4.jpg

素材1.jpg

分享到: