新闻详情

يۇۋېنتۇس 3:0 فئورېنتىنا

发表时间:2020-12-23 14:59作者:ئەلكۈيى تورى来源:爱酷艺直播




بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى سەھەر سائەت 3:45تە ئۆتكۈزۈلگەن 2020/2021 مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە بىرلەشمىسى 14-ئايلانمىسىدا يۇۋېنتۇس ساھىبخان مەيداندا فئورېنتىنانى كۈتۈۋالدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە فئورېنتىنادىكى ۋىلاخوۋىچ مۇسابىقە باشلىنىپ ئۈچ مىنۇت بولۇشى بىلەنلا بىر توپ كىرگۈزدى، كۇادرادو قىزىل كارتا بىلەن مەيداندىن چىقىرىۋېتىلدى، سچېزنى قالتىس ئىپادىسى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇۋالدى؛ كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە يۇۋېنتۇس يەنىلا مۇتلەق پۇرسەتكە ئېرىشەلمىدى، يۇۋېنتۇس بېكى ساندرو مۇداپىئە جەريانىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن «خائىن توپ كىرگۈزدى، ئارقىدىن بونۇچى توپنى تارتقۇزۇپ قويۇپ فئورېنتىنادىكى كاسېرېز يەنە بىر توپ بىلەن نومۇر پەرقىنى يۇقىرىلاتتى. ئاخىرىدا، يۇۋېنتۇس ساھىبخان مەيداندا 3:0 نەتىجە بىلەن فئورېنتىناغا ئۇتتۇردى، بۇ يۇۋېنتۇسنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە تۇنجى قېتىم ئۇتتۇرۇشى، فئورېنتىنا بولسا بىرلەشمىدە توققۇز ئايلانما ئۇتالماسلىقتەك قىيىن ھالىتىنى ئاخىرلاشتۇردى.

2020122304211310667.jpg

ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە فئورېنتىنا تېزلا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى، 3-مىنۇتتا رىبېرى ئۇدۇل پاس بەردى، ۋىلاخوۋىچ توپنى ئېلىپ چەكلەنگەن رايونى ئىچىگە كىردى ھەمدە توپنى قاپقىغا كىرگۈزدى، 18-مىنۇتتا كۇادرادو قارشى تەرەپ توپچىسى كاستروۋىلىنىنى تىپىپ يىقىتىۋەتكەنلىكى سەۋەبلىك قىزىل كارتا بىلەن مەيداندىن چىقىرىۋېتىلدى، 26-مىنۇتتا سچېزنى قارشى تەرەپنىڭ مۇتلەق پۇرسىتىنى توسۇپ قالدى، 31-مىنۇتتا كرىستىيانو رونالدونىڭ تەپكەن توپى ياندىن چىقىپ كەتتى، 36-مىنۇتتا كرىستىيانو رونالدونىڭ يىراقتىن تەپكەن توپى توسۇۋېلىندى، يۇۋېنتۇس 1:0 فئورېنتىنا.

2020122305345994245.jpg

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە يۇۋېنتۇس ھۇجۇم كۈچىنى مەركەزلەشتۈردى، ئەمما ئۈنۈمى ياخشى بولمىدى، 56-مىنۇتتا كرىستىيانو رونالدو كىرگۈزگەن كاللا توپ ئوفسايت سەۋەبلىك ھېساب قىلىنمىدى، 76-مىنۇتتا ساندرو «خائىن توپ» كىرگۈزدى، 80-مىنۇتتا بونۇچىنىڭ توپنى تارتقۇزۇپ قويۇشى بىلەن كاسېرېس بىر توپ كىرگۈزدى. ئاخىرىدا، يۇۋېنتۇس ساھىبخان مەيداندا 3:0 نەتىجە بىلەن فئورېنتىناغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.


分享到: