新闻详情

گۈزەل ئارتىس راكۇل يۇقۇملىنىپ قالدى

发表时间:2020-12-23 16:37作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

ھىندىستان ئۇزۇنغا سوزۇلغان قامالنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، فىلىم سۈرەتكە ئېلىش قايتىدىن باشلىدى. ھەرقايسى فىلىم گۇرۇپپىلىرى فىلىم سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتقان بولسىمۇ، لېكىن ئارقا-ئارقىدىن خادىملارنىڭ يۇقۇملىنىپ قالغانلىق خەۋىرى دەلىللەندى.

22-دېكابىر بوللىۋود ۋە جەنۇبىي ھىندىستان كىنوچىلىقىدا تەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان ئارتىس راكۇل پرېت سىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئۆزىنىڭ يۇقۇملىنىپ قالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنىڭ يامان ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقان كىشىلەرنى ئۆزىنى تەكشۈرتۈشكە چاقىردى. ئۇ: «مەن كۆپچىلىككە شۇنى ئۇقتۇرىمەنكى، يۇقۇم تەكشۈرىشى مۇسبەت چىقتى، ھازىر ئۆزۈمنى ئايرىۋەتتىم. مېىڭ ئەھۋالىم خېلى ياخشى، شۇڭا تېز ئارىدا فىلىم سۈرەتكە ئېلىشقا قايتىپ بارالايمەن. يېقىندىن بۇيان مەن بىلەن يېقىن ئارىلىقتىن ئۇچراشقان كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى تەكشۈرتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەممىڭلار سالامەت بولۇڭلار!» دېدى.


分享到: