新闻详情

ئۆلۈم سەۋەبى ئاشكارلاندى

发表时间:2020-12-23 19:08作者:ئەلكۈيى来源:ۋاڭيى



@ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى تەنتەربىيەسىنىڭ 23-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئارگېنتىنا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا مارادونانىڭ جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىنغان، نەتىجىدە مارادونانىڭ بەدىنىدە ئىسپىرت ياكى قانۇنغا خىلاپ دورا يوق ئىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، توكسىكولوگىيە تەتقىقاتىغا ئاساسەن، ئۆلگۈچىنىڭ بەزى روھىي كېسەللىكلەر دورىلىرىنى ئىچكەنلىكىنى بايقىغان. نۆۋەتتە جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتى شۇ جايدىكى تەپتىش مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇلدى، پروكۇراتورلار داۋالاش جەريانىدا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلمايدۇ.


分享到: