新闻详情

قانۇن  ئۆگىنىپ نۇمۇر كىمەيتىش

发表时间:2020-12-24 14:03作者:ئەلكۈيى来源:新疆交警

640-24.gif640-59.png




پراۋىنىڭ بىر نومۇر خاتىرىلەش دەۋرى ئىچىدە پەقەت 12 نومۇر بارشوپۇرغا نىسبەتەن ئېيتقانداھەربىر نومۇر خاتىرىلىگەندە ئىچى ئاغرىيىدۇ,12 نومۇر يېتىشمەيۋاتقاندەك ھېس قىلدىڭىزمۇ؟   تۆۋەندە« نومۇر كرىزىسى» گە دۇچ كەلگەن شوپۇرلارغا«چوڭ پاراۋانلىق» تىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى ئورتاقلىشىمىز.

« قانۇن ئۆگىنىپ نومۇر كېمەيتىش»

ج خ مىنىستىرلىقى بېسىپ تارقاتقان« مائارىپنى قوبۇل قىلىپ، يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارغا نومۇر خاتىرىلەشنى كەچۈرۈم قىلىش خىزمىتى قائىدىسى   (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ) » گە ئاساسەن، شوپۇر«交管12123»APPسى ئارقىلىق توردا ئۆگىنىشكە قاتناشسا بولىدۇ،ئىمتىھاندىن لايەقەتلىك بولغاندىن كىيىن نومۇر كېمەيتىلىدۇ.

12 – ئاينىڭ 18 – كۈنى، ئاپتونوم رايون بويىچە شوپۇرلار قاتناش بىخەتەرلىكى تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىپ، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا نومۇر خاتىرىلەشنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى.(قىسقارتىلىپ« قانۇن ئۆگىنىپ نومۇر كېمەيتىش» دېيىلىدۇ)

ئىلتىماس قىلسا بولىدىغان شوپۇرلار:

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسى بار شوپۇرلار، ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنىدىغان ئاپتوموبىل تىپى ئايرىلمايدۇ ، تىجارەتتىكى ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچى ياكى ئەمەسلىكى ئايرىلمايدۇ، ھەممىسى قانۇن ئۆگىنىپ نومۇر كېمەيتىشكە قاتناشسا بولىدۇ،ھەمدە ئەڭ يۇقىرى ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنغان ئاپتوموبىل تىپىغا ئاساسەن، مۇناسىپ يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن، نىزام ۋە ئالاقىدار بىلىملەرنى ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىش ياكى قاتناش بىخەتەرلىكى جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ئارقىلىق بەھرىمان بولسا بولىدۇ.


تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە،قانۇن ئۆگىنىشنى ئىلتىماس قىلىپ نومۇر كېمەيتىشكە بولمايدۇ:


مەزكۇر نومۇر خاتىرىلەش دەۋرى ئىچىدە،شوپۇرنىڭ ئىككى قېتىمدىن ئارتۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسى بار شوپۇرلار، ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنىدىغان ئاپتوموبىل تىپى ئايرىلمايدۇ ، تىجارەتتىكى ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچى ياكى ئەمەسلىكى ئايرىلمايدۇ، ھەممىسى قانۇن ئۆگىنىپ نومۇر كېمەيتىشكە قاتناشسا بولىدۇ،ھەمدە ئەڭ يۇقىرى ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنغان ئاپتوموبىل تىپىغا ئاساسەن، مۇناسىپ يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن، نىزام ۋە ئالاقىدار بىلىملەرنى ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىش ياكى قاتناش بىخەتەرلىكى جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ئارقىلىق بەھرىمان بولسا بولىدۇ.

تولۇق نومۇر خاتىرىسى بولسا ياكى جەمئىي خاتىرىلەنگەن نومۇرى 12 نومۇرغا يەتسە؛

ئالدىنقى بىر نومۇر خاتىرىلەش دەۋرىدە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىنىڭ ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق تولۇق نومۇرخاتىرىسى بولسا؛

يېقىنقى ئۈچ قېتىملىق نومۇر خاتىرىلەش دەۋرى ئىچىدە، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچى قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ قېچىپ كەتكەن ياكى ھاراق ئىچىپ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگەن، ياكى ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىۋېلىنغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى نومۇر تاختىسى، يول يۈرۈش كىنىشكىسى، ھەيدەش كىنىشكىسى، مەكتەپ ماشىنىسى ئىشلەتكەن ياكى باشقا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى نومۇر تاختىسى، يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى ئىشلەتكەن، ياكى نومۇر ئېلىپ سېتىپ جازالانغان بولسا؛

ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسى پىراكتىكا مەزگىلىدە ياكى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسى قەرەلى ئۆتۈپ كەتسىمۇ تەكشۈرۈلمىگەن ياكى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسى تۇتۇپ قىلىنغان، ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىنغان مەزگىلدە؛

شوپۇرنىڭ نامىدا بىر تەرەپ قىلىنمىغان قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىش خاتىرىسى بولسا؛

ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگۈچىنىڭ نامىدا بىخەتەرلىك تېخنىكىسى تەكشۈرۈلۈپ، كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن ياكى بەلگىلىمە بويىچە تىزىمدىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتى بېجىرىلمىگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى بولسا؛

ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكى تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىش، يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشىغا نومۇر خاتىرىلەش ياكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىنىڭ قائىدىگە خىلاپ ھالدا نومۇر خاتىرىلەش، تولۇق نومۇر قويۇش تەربىيىسى ۋە تەلىم-تەربىيە،ئۆگىنىش ئىمتىھانىغا قاتناشقاندا ساختىپەزلىك قىلىش، ساختا ئىسىم قويۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە.

توردا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگۈچى بىر نومۇر خاتىرىلەش دەۋرى ئىچىدە، ئەڭ كۆپ بولغاندا ئالتە نومۇر كېمەيتىلىدۇ ياكى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

كونكىرىت مەشغۇلاتى تۆۋەندىكىچە:

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى پەرق ئېتىش ياكى سىكاننېرلاش ئارقىلىق«交管12123»APPسىنى چۈشۈرۈپ رويخەتكە ئالدۇرۇش ۋە تىزىملىتىش؛

«交管12123»APPغا كىرىپ، باش بەتنىڭ كەسىپ ئىقتىدارىنى چېكىپ، «学习教育业务»دېگەن بۆلەكنى تاللاپ، «学法减分» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ،قانۇن ئۆگىنىش، نومۇر كېمەيتىشنى ئىلتىماس قىلىش بېتىگە كىرىمىز.

«网上学习» نى تاللاپ، «申请» كۇنۇپكىسىنى چېكىپ،كەسىپ بىجىرىشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى ئوقۇپ چىراي تونۇتۇپ بولغاندىن كىيىن ئۈگۈنۈشنى باشلىساق بولىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش: ئۆگىنىش ۋە ئىمتىھان جەريانىدا تېلېفون قوبۇل قىلماسلىق ياكى APP دىن چېكىنمەسلىك كىرەك بولمىسا ئۆگىنىشش ياكى ئىمتاھان نەتىجىسىگە تەسىر يىتىدۇ.






‹ ‹ قانۇن ئۆگىنىپ نومۇر كېمەيتىش › ›توغرىسىدا:

Q: قانۇن ئۆگىنىشكە قاتنىشىپ نومۇر كېمەيتىشنىڭ قېتىم سانى چەكلىمىسى بارمۇ؟

ئا: بۇنىڭ قېتىم سانى چەكلىمىسى يوق. لېكىن،شوپۇرنىڭ بىر نومۇر خاتىرىلەش دەۋرىدە خاتىرىلەنگەن نومۇرى 6 نومۇرغا يەتكەندىن كېيىن،داۋاملىق قانۇن ئۆگىنىشكە قاتنىشىپ نومۇر كېمەيتىشكە بولمايدۇ.


Q: نومۇر ئېلىشتا قانۇن ئۆگىنىش ئارقىلىق نومۇر كېمەيتىشنىڭ ئالدىن نۇمۇر ساقلاش قىممىتى بارمۇ؟

ئا: قانۇن ئۆگىنىشكە ئىلتىماس قىلىپ نومۇركېمەيتىشتە، ھازىرقى نومۇر خاتىرىلەش دەۋرىي ۋاقتى ئىچىدە نومۇر خاتىرىلەش ھەمدە ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇش شەرت. نۆۋەتتىكى نومۇر خاتىرىلەش دەۋرىدە نومۇر خاتىرىلەنمىگەن بولسا، قانۇن ئۆگىنىش ئارقىلىق نومۇرنى كېمەيتىشكە ۋە ئالدىن ساقلاشقا بولمايدۇ.


Q: ھەر بىر نومۇرخاتىرىلەش دەۋرلىنىش ۋاقتىدا 6 نومۇر كېمەيتىلىدۇ، ھەر بىر نومۇر خاتىرىلەش دەۋرلىنىش ۋاقتىنىڭ نومۇر قىممىتى 18 نومۇرغا ئۆستۈرۈلدى دەپ چۈشىنىشكە بولامدۇ؟

ئا: ئۇنداق ئەمەس. « پراۋىغا نومۇرخاتىرىلەشنى 18 نومۇرغا ئۆستۈرۈش» « قاتناش بىخەتەرلىكى تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىپ،قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلارغا نومۇر خاتىرىلەشنى كەچۈرۈم قىلىش» ئىسلاھات تەدبىرىنى خاتا چۈشىنىۋالغانلىق ھېسابلىنىدۇ. نومۇر كېمەيتىلگەن، كەچۈرۈم قىلىنغان نومۇرماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىنىڭ ھازىرقى جەملەنگەن نومۇر قىممىتىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ،قانۇن ئۆگىنىش ئارقىلىق نومۇر كېمەيتىپ ئالدىن ساقلاش نومۇرى ئېلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، « ھەر بىر نومۇر خاتىرىلەش دەۋرىدە ئالتە نومۇر كېمەيتىشكە بولىدۇ» دېگەننى نومۇر خاتىرىلەش دەۋرى ئىچىدىكى تولۇق نومۇرقىممىتى 18 نومۇرغا ئۆستۈرۈلىدۇ، دەپ چۈشىنىشكە بولمايدۇ.


Q: ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنىدىغان ئاپتوموبىل تىپى A، Bتۈردىكى پراۋىسى بار شوپۇرلار، بىر نومۇر خاتىرىلەش دەۋرى ئىچىدە نومۇر خاتىرىلەش خاتىرىسى بولسا، « قانۇن ئۆگىنىپ نومۇر كېمەيتىش» ئارقىلىق شوپۇرلارنى تەپسىلىي تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈش كېرەكمۇ-يوق؟

ئا: كېرەك ئەمەس. بىر نومۇر خاتىرىلەش دەۋرىدە«قانۇن ئۆگىنىپ نومۇر كېمەيتىش» ئارقىلىق نۆل خاتىرىلەنسە، شۇ يىللىق شوپۇرلارنى تەكشۈرتۈش ۋە تەربىيەلەشكە قاتنىشىشتىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.


Q: ئۆگىنىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىش نىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى قايسىلار؟

ئا: ج ك پ نىڭ ئۆگىنىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىش مەزمۇنى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارغا ھۆكۈم قىلىش ۋە دېلو مىسالىنى تەھلىل قىلىش؛ قاتناش ھادىسىسى مىسالى ئىبرەت تەربىيەسى؛يول قاتناش ھادىسىلىرىنى ئۆز ئالدىغا كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلىش، تېز جايدا تېز تۆلەم بېرىشكە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر؛ كۆپ ئۇچرايدىغان قاتناش بەلگىسى، بەلگە سىزىقى ۋە قاتناش ساقچىسىنىڭ قول ئىشارىتىنى پەرقلەندۈرۈش؛ بىخەتەر يۈرۈش ساۋاتلىرى؛ يۇقىرىسۈرئەتلىك تاشيولدا ھەيدەش ساۋاتلىرى؛ ناچار ھاۋا رايى ۋە مۇرەككەپ يولدا ھەيدەش ساۋاتلىرى؛مەدەنىي ھەيدەش ساۋاتلىرى؛ مۇداپىئە خاراكتېرلىك ئاپتوموبىل ھەيدەش ساۋاتلىرى؛جىددىي خەۋپىدىن ساقلىنىش ساۋاتلىرى؛


Q: بىر قېتىملىق ئۆگىنىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ھەر قانداق ۋاقىتتا ئىمتىھانغا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلسابولامدۇ؟

ئا: چوقۇم ئۆگىنىشنى تاماملىغان كۈندىن باشلاپ يەتتە خىزمەت كۈنى ئىچىدە ئىمتىھانغا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك.


Q: ئىمتىھانغا قاتنىشىش ۋاقتى قانچىلىك؟ تېمىسى قانچىلىك؟ سوئال شەكلى قايسىلار؟ توغرا جاۋاب بېرىشلايەقەت نۇمۇرى قانچە؟

ئا: ئىمتىھان ۋاقتى 20 مىنۇت بولۇپ، ھەربىر سوئالغا جاۋاب بېرىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 60 سېكۇنت بولىدۇ.سوئال سىستېمىسى سوئال ئامبىرىدىن ئىختىيارىي ھالدا 20 سوئال تاللاپ چىقىدۇ، سوئال شەكلى ھۆكۈم قىلىش سوئالى، يەككە تاللاش سوئالى، كۆپ تاللاش سوئالى بولىدۇ. 18 سوئالغا توغراجاۋاب بەرگەن ياكى يۇقىرىدىكىلەر لاياقەتلىك بولغان، خاتا جاۋاب بەرگەن ياكى ئېشىپ كەتكەن ۋاقىتتا جەمئىي ئۈچ سوئالغا جاۋاب بەرمىگەن بولسا، سىستېما ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلىكىگە ئاپتوماتىك ھۆكۈم قىلىدۇ ھەمدە ئىمتىھاندىن چېكىنىدۇ.ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلەر 24سائەت ئىچىدە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.


图片

图片

ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاپ ئۆزىڭىزنىڭ يانفۇنىغا ماس ھالدا چۈشۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ

图片




来源:爱酷艺网

监制:麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:阿海



5.jpg


WWW.Alkuyi.Com


上一页 1 2 3 下一页
分享到: