新闻详情

ئوپپو يىڭى تىلفۇننى ئىلان قىلدى

发表时间:2020-12-24 17:03作者:ئەلكۈيى来源:سىنا تورى خەۋىرى




بۈگۈن چۈشتىن كىيىن OPPO توردا يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، +OPPO Reno5 Pro يانفونىنى رەسمىي ئېلان قىلدى، باھاسى 3999 يۈەندىن باشلىنىدۇ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان Reno5 ۋە Reno5 Proغا سېلىشتۇرغاندا، +OPPO Reno5 Proنىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسى شۇكى، ئۇنىڭغا سونىي بىلەن بىرلىشىپ تەتقىق قىلغان IMX766 تىپلىق بايراقدار كامېرا ئورنىتىلغان.

首发索尼IMX766传感器

سونىي IMX766 تىپلىق كامېرا سېنزورى

سونىي IMX766 سېنزورى نۇر كىرىش مىقدارى چوڭ بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە، پىكسېل سانى 50 مىليونغا يېتىدۇ، «پۈتۈن پىكسېل، پۈتۈن يۆنىلىشلىك» فوكۇس توغرىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە، فوكۇس توغرىلاش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ توغرا، AI ئىز قوغلاپ فوكۇس مۇقىملاش ئىقتىدارىنى قوللايدۇ، ئادەم چىرايى، ئادەم بەدىنى، ئەرمەك ھايۋان، گۈل قاتارلىق جىسىمنى سۈرەتكە تارتقاندا ئاپتوماتىك پەرقلەندۈرۈپ، ئىز قوغلاپ فوكۇس توغرىلايدۇ.

支持全像素全向对焦技术

«پۈتۈن پىكسېل، پۈتۈن يۆنىلىشلىك» فوكۇس توغرىلاش ئىقتىدارى

سونىي IMX766 تىپلىق ئاساسىي كامېرا سېنزورىدىن باشقا، يەنە 16 مىليون پىكسېللىق ئالاھىدە كەڭ بۇلۇڭلۇق كامېرا، 13 مىليون پىكسېللىق ئۇزۇن فوكۇسلۇق كامېرا ۋە ئىككى مىليون پىكسېللىق قوشۇمچە كامېرا سېنزورى بار، OIS+EIS سىلكىنىشتىن ساقلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە؛ ئالدى تەرىپىدە Reno5 Proدىكىگە ئوخشاش 32 مىليون پىكسېللىق كامېرا بار، AI ئەقلىي چىراي گۈزەللەشتۈرۈش، 1080P ئېنىقلىقىدا سىنغا ئېلىش قاتارلىقلارنى قوللايدۇ.


+OPPO Reno5 Pro يانفونىغا سناپدراگون 865 5G ئۆزىكى سەپلەنگەن، ساقلاش بوشلۇقى UFS 3.0، ئەڭ يۇقىرى سەپلىمىلىك تىپىغا 12GB+256Bلىق ساقلىغۇچ گۇرۇپپىسى ئىشلىتىلگەن، باتارېيە سىغىمى 4500mAh، زەرەتلەش قۇۋۋىتى 65W.

+OPPO Reno5 Proنىڭ سىرتقى قىياپىتى Reno5 يۈرۈشلۈكىنىڭ لايىھە ئۇسلۇبىنى داۋاملاشتۇرغان، ئەينەك يۈزىنىڭ پارقىراقلىقى ئالدىنقى ئەۋلاد نۇسخىسىدىن %35 ئاشۇرۇلغان، قېلىنلىقى 7.9mm، ئېغىرلىقى 184g، ئېكران چوڭلۇقى 6.55 ديۇم، ئېكران يۈزى قوش ئەگمە يۈزلۈك، 90Hzلىك يېڭىلىنىش چاستوتىسىنى قوللايدۇ.

售价3999元起

باھاسىغا كەلسەك، +OPPO Reno5 Proنىڭ 8GB+128GBلىقى 3999 يۈەن، 12GB+256GBلىقى 4499 يۈەن، ھازىر زاكاس قىلغاندا 12-ئاينىڭ 29-كۈنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ. سەنئەتكار چەكلىك نۇسخىسى (12GB+256GB)نىڭ باھاسى 4499 يۈەن.



分享到: