新闻详情

ئەلى باباغا نىمە بولدى؟

发表时间:2020-12-25 11:59作者:ئەلكۈيى来源:ۋاڭيى


640-24.gif




ئەلى بابا پاي باھاسىنىڭ 12-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى باھاسى %13 تۆۋەنلەپ، بازار قىممىتى 600 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ، پارغا ئايلىنىشى 90 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، بۇنىڭدىن ئىلگىرى مونوپول قىلمىشىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن.
يېقىندا، دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى پاش قىلىشقا ئاساسەن، ئەلى بابا گۇرۇھى پاي كونترول چەكلىك شىركىتىنىڭ «ئىككىدىن بىرنى تاللاش» قاتارلىق مونوپوللۇققا چېتىشلىق قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.
جۇڭگو خەلق بانكىسى، جۇڭگو بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى، جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى، دۆلەت تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا چۈمۈلە گۇرۇھى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، چۈمۈلە گۇرۇھىنىڭ بازارلاشتۇرۇش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش پىرىنسىپى بويىچە، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئادىل رىقابەتلىشىش ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە كەسپى تىجارىتى ۋە تەرەققىياتىنى قېلىپلاشتۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلدى.

چۈمۈلە گۇرۇھى ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۈگۈن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ چاقىرتىپ سۆزلىشىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق، بىز نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى كەم-كۈتسىز ياخشى ئىشلەيمىز.

图片

图片

ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاپ ئۆزىڭىزنىڭ يانفۇنىغا ماس ھالدا چۈشۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ

图片




来源:爱酷艺网

监制:麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:阿海



5.jpg


WWW.Alkuyi.Com





分享到: