新闻详情

ھەمراھىدىن ئەيدىز كېسىلىنى يۇشۇرغانلار دىققەت

发表时间:2020-12-27 11:38作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

كېلەر يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يۈننەن يېڭى ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋالاش نىزامىنى يولغا قويىدۇ. يېڭى نۇسخىدىكى «يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش نىزامى»نىڭ 57-ماددىسىدا، يۇقۇملانغۇچىلار ئۆزىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشتەك پاكىتنى جورىسى، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگۈچىلەر قاتارلىق خەۋپ-خەتەر يېتىدىغان كىشىلەرگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرمىسا، قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ، دەپ بەلگىلەندى.

يېقىندا، يۈننەن ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە كومىتېتى قانۇن-نىزام باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى شى يۇڭجيا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: توردا تارقالغان «ھەمراھلىرىدىن ئەيدىزنى يوشۇرسا جىنايەت شەكىللىنىدۇ» دېگەن گەپ توغرا ئەمەس، بۇ ئەسلىدە «ھەمراھلىرىدىن ئەيدىزنى يوشۇرسا جىنايەت شەكىللىنىشى مۇمكىن» دېگەن گەپ. ئۇ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: يېڭى نۇسخىدىكى «نىزام»نىڭ 57-ماددىسى، ئەمەلىيەتتە ئىككى قاتلاملىق مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئالدى بىلەن ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئېغىر بولغانلار جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر جورىسى ياكى جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگىچىلەردىن ئەيدىز كېسىلىنى يوشۇرسا، ھەمدە جىنسىي قىلمىش سەۋەبىدىن قوغداش تەدبىرى قوللانماي، جورىسىنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، چوقۇم جىنايى ئىشلار قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ.

شى يۇڭجيا يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇنىڭدىن ئىلگىرى، 2007-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش نىزامى»نىڭ 20-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: «ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرى ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلىق پاكىتىنى جورىسى ياكى جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگۈچىلەرگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك؛ ئۇقتۇرۇپ قويمىسا، ئۇنىڭ تۇرۇشلۇق جايىدىكى كېسەللىكتىن مۇداپىيە كۆرۈش-كونترول قىلىش ئاپپاراتى جورىسىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشقا ھوقۇقلۇق. يېڭى «نىزام»دا جورىسى، ياكى جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگۈچى قاتارلىق كىشىلەردىن ئەيدىزنى يوشۇرسا «قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى» يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.


分享到: