新闻详情

ئەلى بابا ھەققىدە خەلق گېزىتىدە

发表时间:2020-12-27 11:48作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

«خەلق گېزىتى» ئەلى بابانىڭ مونوپوللۇققا چېتىشلىق دەپ تەكشۈرۈلگەنلىكىگە يەنە باھا بەردى



يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سۇپا ئىقتىسادى ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش، كونا ـ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال تۆھپە قوشتى. ھالبۇكى سۇپا ئىقتىسادىنىڭ تېز يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ، بازارنىڭ ئەۋزەل ئورنىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش قىلمىشلىرى كۈنسېرى كۆپىيىپ، رىقابەتنى چەكلەش، باھادا كەمسىتىش، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر پەيدا بولۇپ، بازار رىقابىتى تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشقا توسقۇنلۇق قىلدى. ئادىل رىقابەتلىشىشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تۈزەش سۇپا ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

سۇپا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئەلۋەتتە كۆلەم تەسىرى ۋە تور ئۈنۈمىدىن ئايرىلالمايدۇ، لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ سۇپا كارخانىلىرىنىڭ مونوپوللۇققا قاراپ ماڭسا بولىدۇ دېگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ. مونوپول قىلىش سۇپا كارخانىلىرىنىڭ گېنى ۋە ئىمتىيازى ئەمەس. ئېلىمىزنىڭ ئالاقە تورى كەسپىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، مۇنەۋۋەر سۇپا كارخانىلىرىنىڭ ھەممىسى ئادىل رىقابەت داۋامىدا بارلىققا كەلگەن، بۈگۈنكى چوڭ كارخانا، چوڭ سۇپىلارمۇ ئەينى يىللاردىكى كىچىك شىركەت، كىچىك تور بېكەتلىرى ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلىگەن. كەسكىن بازار رىقابىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، سۇپا ئىقتىسادىدا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ، چەكسىز يوشۇرۇن كۈچلەر نامايان بولغاندىلا، ئاندىن تېخنىكا، سودا ئەندىزىسىدە سىجىل يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. شۇڭا ھەرقايسى تەرەپلەر بۈگۈنكى چوڭ كارخانا، چوڭ سۇپىلارنىڭ ئارقىدا قالغان كىچىك شىركەت، كىچىك تور بېكەتلىرىگە ياخشى رىقابەت پۇرسىتى قالدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا. چوڭ تىپتىكى ئالاقە تورى سۇپىسى كارخانىلىرى باشلامچىلىق بىلەن كەسىپ ئىنتىزامىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ياخشى بولغان ئالاقە تورى ئىقتىسادىي ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغدىشى كېرەك.

WX20201226-200035.png65b97f8491be5c9fd3bddbf5aeb3dac6.jpeg@s_0,w_660,h_370,q_80.jpeg

رىقابەت بازار ئىگىلىكىنىڭ ئۇل تېشى، مونوپوللۇق بازار ئىگىلىكىنىڭ چوڭ دۈشمىنى. مەيلى قايسى باسقۇچ، قايسى كەسىپ ھالىتى بولسۇن، ئادىل رىقابەت بىر كەسىپنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى. مونوپوللۇققا قارشى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۇپىنىڭ ئىقتىسادىي ساھەسىدىكى ئادىل، تەرتىپلىك رىقابەتنى قوغداش سۇپا ئىقتىسادىنىڭ تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماسلاشتۇرۇش، سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، يوشۇرۇن بازارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، بايلىق تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇش، تېخنىكا تەرەققىياتى، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش بازارنىڭ قورغانغا كىرىشىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان تەرەققىيات مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ بازار سۇبيېكتىنى رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكى ۋە يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى بەرپا قىلىدۇ. شۇڭا مونوپوللۇققا قارشى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش بىلەن سۇپا ئىقتىسادىنى زورايتىش زىددىيەتلىك ئەمەس، ئالاقە تورى ساھەسىدىكى يېڭىلىق يارىتىش گېنىنى تېخىمۇ يوقىتىۋەتمەيدۇ، ئەكسىچە سۇپا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى كۈچلۈك قوغدىغانلىق.

ئەمەلىيەتتە ئالاقە تورى ساھەسى ئەزەلدىن مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ سىرتىدا ئەمەس، شۇنداقلا بولماسلىقى كېرەك. يېڭى شەيئى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالاقە تورى ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىش قائىدىسى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى تېما. ئېلىمىز يېڭى كەسىپ، يېڭى ھالەتنى قوغداشنى كۆزدە تۇتۇپ، سۇپا كارخانىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا ئىزچىل ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولدى. لېكىن ئالاقە تورى كارخانىلىرىمۇ بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىشى كېرەك. 2008- يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»دا ئىچكى مەبلەغ ۋە تاشقى مەبلەغ، دۆلەت كارخانىلىرى ۋە پۇقراۋى كارخانىلار، چوڭ كارخانىلار ۋە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، ئالاقە تورى كارخانىلىرى ۋە ئەنئەنىۋى كارخانىلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىپ، باراۋەر مۇئامىلە بولۇپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ بازار رىقابىتىگە باراۋەر قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى. سۇپىنىڭ ئىقتىسادىي ساھەسىدىكى رىقابەتتە گەرچە كۆپ تەرەپلىك بازار، ھەرىكەتچان رىقابەت، ساھە ھالقىغان رىقابەت، تور ئېففېكتى قاتارلىق يېڭى ئالاھىدىلىكلەر نامايان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن مونوپوللۇققا قارشى قانۇن-نىزاملارنىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە مۇھىم مەزمۇنى يەنىلا تەتبىقلىنىدۇ، شۇڭا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، قانۇن-نىزاملارنى يېڭىلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇپىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاشكارا، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان قانۇن-تۈزۈم مۇھىتى يارىتىشقا توغرا كېلىدۇ. نۆۋەتتە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر قائىدە ـ تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقە تورى ساھەسىدىكى مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىكى مەقسەت كەسىپ رىقابىتىنىڭ ئۈنۈملۈكلۈكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى كۈچلۈك قوغداش.

سۇپا ئىقتىسادىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنىڭ ئېلىپ كېلىدىغىنى ھەرگىزمۇ ساھەنىڭ« قىش پەسلى» ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ساغلام تەرەققىي قىلىشنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى. ئالاقە تورى ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا نەزەر سالساق، مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش كەسىپنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن نۇرغۇن توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىغان. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، دەل ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرى مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ئارقىلىق مىكروسوفت، IBM قاتارلىق پەن-تېخنىكا ماگناتلىرىنى چەكلەپ قويغاچقىلا، گۇگول، ئالما، ئامازون قاتارلىق ئالاقە تورىدىكى يېڭى كارخانىلارنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولغان ھەمدە كەسىپلەرگە كۈچلۈك ھاياتىي كۈچ بەخش ئەتكەن. نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ مونوپوللۇققا قارشى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى قوزغىتىپ، سۇپا كارخانىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىپ، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان ياخشى تۇپرىقىنى زورايتىشقا پايدىلىق.

بىر تال گۈل باھاردىن دېرەك بەرمەيدۇ، ھەممە گۈللەر بەس-بەستە ئېچىلغاندىلا ئاندىن باھار بولىدۇ. بۇ قېتىمقى مونوپوللۇققا قارشى تەكشۈرۈش ئالاقە تورى كارخانىلىرىنىڭ ئادىل رىقابەتلىشىش ئېڭى ۋە مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشنىڭ پۇرسىتى، شۇنداقلا سۇپا ئىقتىسادىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش، تەرتىپلىك، ساغلام تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىنى ئاچتى. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئالاقە تورى كارخانىلىرى كەسىپلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بىلەن ئۆز تەرەققىياتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەلىپىنى كارخانىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇشىغا سىڭدۈرۈپ، ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھالىتى بىلەن تەرەققىياتنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىنى كۈتۈۋېلىپ، ساغلام تەرەققىياتنى قېلىپلاشتۇرۇش يولىدا تېخىمۇ ياخشى مېڭىپ، دۆلىتىمىزنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي خەلقارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.


分享到: