新闻详情

داڭلىق ئايال چولپان بىلەن 4 يىل بىللە تۇرغان ئەر

发表时间:2020-12-27 12:01作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن

2.gif




ليۇ تاۋ بىلەن ۋاڭ كېنىڭ بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشكىنىگە توپتوغرا 13 يىل بولدى، گەرچە سىرتقى دۇنيادىكىلەر بۇ ئىككىسىدىن ئىزچىل گۇمانلانغان بولسىمۇ، ئەمما ليۇ تاۋ ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ سۆزىنى كۆڭلىگە ئالمايدۇ، بەلكى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بۇ ئىككىيلەننىڭ بىر-بىرىنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

20201227

ليۇ تاۋ توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ۋاڭ كې ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالسىمۇ، ئۇ قەتئىيلىك بىلەن ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئېرىنىڭ قەرزىنى قايتۇردى، بۇنداق شىجائەت ھەممىلا ئايالدا يوق.

نۇرغۇن كىشىلەر زەردارلارغا ياتلىق بولغان قىزلارغا ھەۋەس قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە مەيلى زەردار ياكى ئادەتتىكى كىشىلەرگە ياتلىق بولسۇن، ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ بىر مەزگىللىك توي تۇرمۇشى ئۈچۈن بەدەل تۆلەش-تۆلىمەسلىكىدە.

ليۇ تاۋ مۇھەببەت ئەگرى-توقايلىقى ۋە تاۋلىنىشىنى ھەقىقىي باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، ئىلگىرى ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ قىيىنچىلىقلارنى بىللە باشتىن كەچۈرگەن ئەرنىڭ ئىسمى لى ۋېيمىن ئىدى.

لى ۋېيمىن ئىنتايىن داڭلىق ئارخىتېكتور، ئۇ ئامېرىكا كولومبىيە داشۆسىنىڭ قۇرۇلۇش ماگىستىرلىقىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئىزچىل قۇرۇلۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، بۈگۈنكى كۈندىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ھېسابلىنىدۇ.

لى ۋېيمىننىڭ پەيدا بولۇشى خۇددى كۆڭۈلنى خاتىرجەم قىلغۇچى كۇمىلاچقا ئوخشاش، ئۇ ئەڭ چارچىغان ۋاقىتتا دائىم ئۇنىڭغا ئەڭ ئىللىق كۈچ ۋە تەسەللى ئېلىپ كېلىدۇ.

ئۇلار مۇھەببەتلەشكەن بولسىمۇ، يەنىلا ناھايىتى تۆۋەن مۇقامدا ئىش كۆرىدىغان بولۇپ، ھەتتا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلار مۇھەببەتلىشىۋاتقان ئىشنى ئەسلا بىلمەيتتى، تاكى ۋاڭ كې بىلەن بىللە بولغاندا، ئاندىن ئاشكارىلىنىپ چىققان.

توپتوغرا تۆت يىل بىللە تۇرغان بولسىمۇ، ئاخىر يەنىلا ئايرىلىپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان، نېمە دېگەن ئەپسۇسلىنارلىق ھە.

كېيىن ليۇ تاۋ بۇ مۇھەببەت ئىشىنى تىلغا ئالغاندا ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي: «ئۇ ياخشى ئادەم، مەن ئۇنىڭغا يۈز كېلەلمەيمەن» دېگەن. بۇ ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىلىك «ياخشى باھا» ھېسابلىنىدۇ.

لېكىن نېمە سەۋەبتىنكىن تاڭ، لى ۋېيمىن 60 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ يەنىلا توي قىلمىغان، بەلكىم مۇھەببەتنىڭ ماھىيىتىنى بىلىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن. بىراق قانداقلا بولمىسۇن، ئۇلار مۇھەببەتلەشكەن تۆت يىل گەرچە ئاز تولا ئازابلىق ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا گۈزەل دەقىقىلەر ھېسابلىنىدۇ.


分享到: