新闻详情

دىيابېت ئىكەنسىز يەنە ھاراق ئىچەمسىز؟

发表时间:2020-12-27 12:23作者:ئەلكۈيى تورى来源:ساغلاملىق مۇنبىرى



دىيابېت كېسىلى بار دوستلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شېكەرنى كونترول قىلىش يولىدا بىر تېمىم ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك. چۈنكى دىيابېت كېسىلى بارلار ئىنسۇلىن ئۇرۇش ئارقىلىق قان شېكىرىنىڭ تۇراقلىقلىقىنى ساقلىشى ياكى قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدىغان دورىلارنى ئىچىشى كېرەك. ئەگەر بۇ مەزگىلدە يەنە ھاراق ئىچسە، ئاسانلا قان شېكىرىنىڭ داۋالغۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

ھاراق ئىچىشنىڭ قانداق زىيىنى بار؟

1. كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىش

دىيابېت كېسىلىنىڭ تەرەققىيات جەريانىدا يېمەك-ئىچمەكنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك. دىيابېت بىمارلىرى يەنە ھاراق ئىچسە سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، چۈنكى ئىسپىرتمۇ كۆپ مىقداردا ئىسسىقلىق پەيدا قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسپىرتنىڭ ئارتۇق قوبۇل قىلىنىشى جىگەر ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۋېتىدۇ.

2. يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ

دىيابېت بىمارلىرى ھاراق ئىچسە يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىشى مۇمكىن، كېسەللىك قوزغىلىش جەريانىدا يۈرەك كۆرۈنەرلىك تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن. ھاراق ئىچكەندىن كېيىن يۈرەكنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ، يۈرەك سوقۇش سۈرئىتى تېزلىشىپ، يۈرەك قىسمىدا كېسەللىك ئۆزگىرىشى پەيدا بولۇشى مۇمكىن، بۇ سالامەتلىككە پايدىسىز.

3. قان بېسىمنى ئۆرلىتىش

ئەگەر دىيابېت بىمارلىرىدا ھاراق ئىچىش قىلمىشى بولسا، بەدەنگە بولغان زىيىنى بىر قەدەر روشەن بولىدۇ. نۇرغۇن سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر تەرەققىي قىلىش جەريانىدا بەدەنگە زىيان يەتكۈزىدۇ، دىيابېت كېسىلىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا يەنە ھاراق ئىچسە، ئىسپىرت ماددىسىنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچراپ، قان بېسىمىدا روشەن داۋالغۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ھەتتا يۇقىرى قان بېسىمىدىن ئىبارەت بۇ خىل سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. بۆرەكنى زەخمىلەندۈرىدۇ.

دىيابېت بىمارلىرى يېمەك-ئىچمەك جەريانىدا توغرا ئۇسۇلنى ئىگىلىشى كېرەك، مۇۋاپىق بولمىغان يېمەك-ئىچمەك ئاسانلا كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. دىيابېت بىمارلىرى ھاراق ئىچكەندە، بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن، دىيابېت كېسىلى ئاسانلا دىيابېت مەنبەلىك بۆرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئاسانلا بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.


分享到: