|
كۆڭۈل ئىزھارى- ئابدۇللا ئابدۇرېھىم发表时间:2020-12-27 12:48作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئابدۇللا ئىشخانىسى تېكىستى : ئەنۋەر ئابدۇرېھىم مۇزىكىسى : ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئاكورتلاشتۇرغۇچى: يارقىن ياسىن ئارىلاشما ئاۋاز: يارقىن ياسىن گىتتاردا : مۇستافا ئابدۇللا ئەلكۈيى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەۋسىيەسى : ئۇستاز سەنئەتكار ، « غەربىي يۇرت ناخشا شاھى» ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ئەڭ يېڭى ناخشىسى « كۆڭۈل ئىزھارى» بۈگۈن رەسمىي تارقىتىلدى . ئەلكۈيى تەھرىرىنىڭ ئېگەللىشىچە، بۇ ناخشا بۇنىڭدىن بورۇن ئابدۇللا ئابدۇرېھىم سۆھبەت پروگراممىسى« خۇشكەلدىڭىز» 3- قىسمىدا قىستۇرما ناخشا شەكىلدە ئۇستازلارنىڭ 90-يىللاردىكى ھاياتىنى ئەسلىشىپ نەق مەيداندا بىر قېتىم ئورۇندالغان بولۇپ ، 90-يىللاردا مودا بولغان كىلاسسىك ناخشا« كۆڭۈل ئىزھارى » بۈگۈن يېڭى قىياپەت بىلەن ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ئورۇنلىشىدا ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئۇچراشتى!
گۈل چېچەك بولدى خازان كۈز كېلىپ ئۇز يۇرت مانا گۈل چېچەك بولدى خازان ھەسرىتى گۈلنىڭ پىراقى ھەر كۆڭۈللەرگە ئايان ♪ ♪ ♪ ۋەجىدىن مىسكىن كۆڭۈلنىڭ كەتمىسۇن كۆڭۈل قۇشى ئاشىقى بولسۇن بۇ يۇرتنىڭ تۆت پەسىل يازۇ قىشى ♪ ♪ ♪ ۋە لېكىن ئىللىق باھارمۇ سېغىنىپ كېلەر ھامان قەدرىگە يەتكىن كۆڭۈلنىڭ ئەرزىنى قىلدىم بايان ♪ ♪ ♪ 来源:爱酷艺网 监制:麦提江 审稿:阿米娜 稿子:乃扎尔 制作:阿海 WWW.Alkuyi.Com |
|