新闻详情

بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئامراق ئايال چولپانلار

发表时间:2020-12-27 19:48作者:ئادىلە来源:بەيدۇ

كىشىلەر دائىم بوللىۋود ئايال چولپانلىرىنىڭ زىلۋالىقىغا ھەۋەس قىلىدۇ. لېكىن يەنە ئۇلارنىڭ فىگورىسى ئەسلىدىنلا ياخشى دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ مۇھىمى ئايال چولپانلار جاپالىق چېنىقىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بەدەن قىياپىتىنى ساقلايدۇ. بولۇپمۇ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ شۇنداق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارتسىلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ئۇنچە قائىدىلىك ئەمەس، كېچە-كۈندۈز فىلىم سۈرەتكە ئېلىش، دائىم ئايروپىلانلىق سەپەر قىلىش ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە زور خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا تېخىمۇ تىرىشىپ چېنىقىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ فىگۇرىسىنى ساقلاپ قىلىشى كېرەك.




分享到: