新闻详情

ئالىبابانى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئاخىرلاشتى

发表时间:2020-12-27 20:44作者:ئەلكۈيى تورى来源:青瞳视角

640-24.gif640-59.png

ھۆكۈمەت تەرەپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى! تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ   ئالى بابا گورۇھىغا كىرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈش خىزمىتى   ئاخىرلاشتى ھەمدە ئىسپات ئالدى


ئەلكۈيى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەرجىمىسى: بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ ئەلى بابا گۇرۇھى پاي كونترول چەكلىك شىركىتىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشى، دۆلەتنىڭ سۇپا ئىقتىسادىغا ئىلھام بېرىش، قوللاش پوزىتسىيەسىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، دەل سۇپا ئىقتىسادىنى تېخىمۇ ياخشى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش، شۇ ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش ئۈچۈندۇر.

يېقىندا، دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى پاش قىلىش يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، ئەلى بابا گۇرۇھى پاي كونترول چەكلىك شىركىتىنىڭ« ئىككىدىن بىرنى تاللاش» قاتارلىق مونوپوللۇققا چېتىشلىق قىلمىشىنى قانۇن بويىچە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

u=2096015166,1815764685&fm=55&app=54&f=JPEG.jpeg

پۈتكۈل تەكشۈرۈشنىڭ تەرەققىياتى قانداق بولدى؟ بۇ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن، مۇخبىر جېجياڭ ئۆلكىلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلىنى زىيارەت قىلدى.

مۇخبىر: يېقىندا دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى« ئەلى بابا» گۇرۇھى پاي كونترول چەكلىك شىركىتىدە« ئىككىدىن بىرنى تاللاش» قاتارلىق مونوپوللۇققا چېتىشلىق قىلمىشلارنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى، ھازىر تەكشۈرۈش ئەھۋالى قانداق؟

جېجياڭ ئۆلكىلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى:12- ئاينىڭ 24- كۈنى، دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملىرى ئەلى بابا گۇرۇھى پاي كونترول چەكلىك شىركىتىگە كىرىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. تەكشۈرگۈچىلەر ئەلى بابا گۇرۇھى پاي كونترول چەكلىك شىركىتى ۋە تارماقلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىنى تەكشۈردى ھەم مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ماتېرىياللارنى ئالدى. ئەلى بابا گۇرۇھى پاي كونترول چەكلىك شىركىتى پائال ماسلىشىپ، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ سۈرۈشتۈرۈشنى ئەستايىدىل قوبۇل قىلىپ، ئالاقىدار ماتېرىياللار بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلەپ، تەكشۈرۈشنى ئاڭلىق قوبۇل قىلدى. پۈتكۈل جەريان مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇپ، شۇ كۈنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتى.

مۇخبىر: جېجياڭ ئۆلكىسى دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ھەمكارلىشىش جەريانىدا قانداق خىزمەتلەرنى ئىشلىدى؟

جېجياڭ ئۆلكىلىك بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى: جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بۇ قېتىمقى دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قانات يايدۇرغان مونوپوللۇققا قارشى تەكشۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش، ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرما، شۇنداقلا سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى. مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، تەكشۈرۈش خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ماسلىشىشى ھەم بۇنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئۆلكىمىزنىڭ ئالاقە تورى كارخانىلىرىنىڭ ئادىل رىقابەتلىشىش ئېڭى ۋە مونوپوللۇققا قارشى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ماسلىشىش ئۈچۈن، ئۆلكىمىز نەق مەيدان قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ماسلىشىپ، كاپالەت خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلىدى.

ئۆلكىلىك بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى مەسئۇل تارماق بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال ھۆكۈم چىقاردى ھەم ھۆكۈم چىقىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ماسلىشىش، كاپالەتلىك قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى. تەكشۈرۈشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىدارىمىز سەرخىل كۈچلەرنى ئاجرىتىپ، بىر نەچچە گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، « بىرگە بىر» تۇتاشتۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، باش ئىدارە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا پائال ماسلاشتى.

مۇخبىر: بۇ قېتىم ئەلى بابا گۇرۇھى پاي كونترول چەكلىك شىركىتىنى مونوپولغا قارشى تەكشۈرۈش جېجياڭ سۇپىسىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

جېجياڭ ئۆلكىلىك بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە پۈتۈن ئۆلكە بويىچە تۈرلۈك تور سودا سۇپىسىدىن جەمئىي 310 ى بار، سۇپىدا تور دۇكىنىنىڭ سانى 9 مىليوندىن ئاشىدۇ، 2019- يىلى سۇپىنىڭ تور سودا سوممىسى 7 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەت ئىستېمال تۈرىدىكى تور تاۋار سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ% 70ىنى ئىگىلىدى.

ئۆلكىمىزنىڭ سۇپا ئىقتىسادى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسى ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كېلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندى. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۇپا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىدا بەزى رىقابەت خەۋپ-خەتىرى ۋە يوشۇرۇن خەۋپلەرمۇ كۆرۈلدى، مەسىلەن، سۇپا كارخانىلىرىنىڭ« ئىككىدىن بىرنى تاللاش» مەسىلىسى قاتارلىقلار.

بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ ئەلى بابا گۇرۇھى پاي كونترول چەكلىك شىركىتىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشى، دۆلەتنىڭ سۇپا ئىقتىسادىغا ئىلھام بېرىش، قوللاش پوزىتسىيەسىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، دەل سۇپا ئىقتىسادىنى تېخىمۇ ياخشى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش، شۇ ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش ئۈچۈندۇر.

بۇ قېتىمقى مونوپوللۇققا قارشى تەكشۈرۈش، ئۆلكىمىزنىڭ ئالاقە تورى سۇپىسى كارخانىلىرىنىڭ ئادىل رىقابەتلىشىش ئېڭى ۋە مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش بەلگىلىمىگە ئۇيغۇنلىشىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش پۇرسىتى، شۇنداقلا سۇپا ئىقتىسادىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىش، ساغلام تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىنى ئاچتى. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئەلى بابا گۇرۇھى پاي كونترول چەكلىك شىركىتى بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ئارقىلىق مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇش قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كارخانىلار ئارا ئادىل رىقابەت ئارقىلىق، سۇپا ئىقتىسادىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىدۇ، ئۆلكىمىزنىڭ سۇپا ئىقتىسادى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتنى كۈتۈۋالىدۇ.

مۇخبىر: جېجياڭ قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ سۇپا ئىقتىسادىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؟

جېجياڭ ئۆلكىلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئادىل رىقابەت بازار ئىگىلىكىنىڭ يادروسى، رىقابەت مۇھىتى ئادىل بولغاندىلا، بايلىقنى ئۈنۈملۈك تەقسىملىگىلى ۋە كارخانىلارنىڭ ياخشىلىرىنى تاللاپ، ناچارلىرىنى شاللىغىلى بولىدۇ، ئادىل رىقابەتكە توسقۇنلۇق قىلىش، بايلىق تەقسىملەشنى بۇرمىلاش، بازار سۇبيېكتى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش، تېخنىكا تەرەققىياتىنى تۇنجۇقتۇرۇشنى مونوپول قىلغىلى بولىدۇ.

جېجياڭ سۇپا ئىقتىسادى چوڭ ئۆلكىسى، سۇپا ئىقتىسادىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىمۇ مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشى كېرەك. كېيىنكى قەدەمدە، ئۆلكىمىز مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە ئۆلكىلىك پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇپا ئىقتىسادىنىڭ قېلىپلاشقان ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. بىر تەرەپتىن، بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، رەقەملەشتۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىشتىن بۇرۇن بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇش، ئىش جەريانىدا تەكشۈرۈش، ئىشتىن كېيىن قانۇن ئىجرا قىلىشتىن ئىبارەت پۈتۈن زەنجىرلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، سۇپا كارخانىلىرىنىڭ سانلىق مەلۇمات توپلاش، ئىشلىتىش، باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش؛ يەنە بىر تەرەپتىن سۇپا كارخانىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنى قوللاش كېرەك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى پات ئارىدا ئېلان قىلىدىغان« سۇپا ئىقتىسادىي ساھەسىدىكى مونوپولغا قارشى تۇرۇش كۆرسەتمىسى» نى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مونوپول چېگراسىنى ئېنىقلاش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، سۇپا كارخانىلىرىنىڭ مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇنلىشىش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن تىجارەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان ھەم تەرتىپلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە سۇپا ئىقتىسادىي ئېكولوگىيە چەمبىرىكى شەكىللەندۈرۈپ، ئادىل رىقابەتلىشىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كارخانىلارنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئالدىدا مېڭىشقا تىرىشىدۇ.

20201227-6d51df1f4e018484_700x5000.jpg


分享到: