新闻详情

كېرىيە ئايرودۇرۇمىدا بۈگۈن قاتناش باشلاندى

发表时间:2020-12-27 20:58作者:ئەلكۈيى تورى来源:خەلق تورى

640-24.gif640-59.png




ئەلكۈيى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەرجىمىسى: 12 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسىنىڭ» B737 ـ 800« تىپلىق بىر ئايروپىلانىدا 100 دىن ئارتۇق يولۇچى كېرىيە ۋەنفاڭ ئايرودۇرۇمىغا قونماقتا، بۇ، كېرىيە ۋەنفاڭ ئايرودۇرۇمىنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

كېرىيە ۋەنفاڭ ئايرودۇرۇمى شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، 2019 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى رەسمىي قۇرۇلۇش باشلانغان، 2025 ـ يىلىدىكى يولۇچى توشۇش مىقدارى 180 مىڭ ئادەم قېتىم، يۈك كىرگۈزۈش ـ چىقىرىش مىقدارى 400 توننا قىلىپ لايىھەلەنگەن.

كېرىيە ۋەنفاڭ ئايرودۇرۇمىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىدە ئىككى ئايرودۇرۇم بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 22 ئايرودۇرۇم ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.


分享到: