|
ئەلى بابا پاي سىتىۋىلىش پىلانى发表时间:2020-12-28 11:22作者:ئەلكۈيى来源:ۋاڭيى بۈگۈن ئەتىگەندە ئالى بابا ئېلان چىقىرىپ مۇنداق دېگەن: ئالى بابا گۇرۇھى پاي كونترول چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇدىرىيىتى ئۆز شىركىتىنىڭ پېيىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش پىلانىنىڭ ئومۇمىي سوممىسىنى ئاشۇرۇش ھوقۇقىنى بەرگەن بولۇپ، 6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا كۆپەيتكەن. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ پاينى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش پىلانىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئىككى يىل (2022-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە) بولىدۇ. شىركەت بۇ پەسىلدىن باشلاپ پاينى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش پىلانىنى ئىجرا قىلدى. IT ئائىلىسىنىڭ ئىگىلىشىچە، ئامېرىكا پاي چېكى پەيشەنبە كۈنى (شۇ يەر ۋاقتى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى) مۇددەتتىن بۇرۇن بازار يېپىلىپ، جۈمە كۈنى بازار توختىتىلغان. ئالى بابانىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى پاي باھاسىنىڭ چۈشۈش نىسبىتى بىر مەھەل %15تىن ئېشىپ كەتتى. ئامېرىكا پاي چېكى پەيشەنبە كۈنى بازار يېپىلغانغا قەدەر، پاي چېكى باھاسى %13.34 چۈشۈپ، 222 ئامېرىكا دوللىرى بولدى، بازار قىممىتى 600 مىليارد 651 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 3 تىرىليون 922 مىليارد 300 مىليون يۈەن خەلق پۇلى)غا يەتتى. 来源:爱酷艺网 监制:麦提江 审稿:阿米娜 稿子:乃扎尔 制作:阿海 |
|