新闻详情

بىر مىنۇتتا گىگانت چولپان سالماننى چۈشىنىڭ

发表时间:2020-12-28 16:22作者:ئەلكۈيى تورى来源:بەيدۇ

2020122820201228202012282.gif640-59.png




ﺳﺎﻟﻤﺎﻥ ﺧﺎﻥ 1965-ﻳﯩﻠﻰ 12-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 27-ﻛﯜﻧﻰ ﮪﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺪﻭﺭ ﺷﻪﮪﯩﺮﯨﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ، ﮪﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﺎﺭﺗﯩﺲ، ﻓﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﯜﭼﻰ، ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﺴﻰ، ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺗﭽﻰ. ﺑﻮﻟﻠﯩﯟﻭﺩﺗﯩﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﮪﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﻛﯩﻨﻮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ. ﺋﯘ 1989-ﻳﯩﻠﻰ «ﭼﯩﻦ ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﻪﺕ» (真爱在我心) ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ كىنودا رول ئېلىپ ﺩﺍﯕﻖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ. ﺋﯘ ﮪﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻳﺎﺵ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﺪﺍ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺑﯧﻠﻪﺕ ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻖ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ، كۆپلىگەن رول ئالغان كىنولىرى ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ بېلەت كىرىمىگە ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ.

ﺳﺎﻟﻤﺎﻥ ﺧﺎﻥ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ 80 ﺩﯨﻦ كۆپرەك كىنودا ﺭﻭﻝ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ كىنو ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ-ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﯧﻠﻪﺕ ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ كىنوغا ئايلانغان. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ «ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭ ﺑﺎﺟﺮﺍﻧﮕﻰ»، (小萝莉的猴神大叔)، «ﭼﯩﻦ ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﻪﺕ» (真爱在我心)، «ﻣﻪﻥ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﯖﯩﺰ» (情到浓时)، «ﻛﻪﺭﻩﻥ ﯞﻩ ﺋﺎﺭﺟﯜﻥ» (卡然和阿俊)، «ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﻤﺎﯓ» (不要惧怕爱)، «ﺗﯘﺗﯘﺵ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻰ» (通缉令)، «ﻗﻮﺭﻗﻤﺎﺱ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻯ» (无畏警官)، «ﻗﻮﻏﺪﯨﻐﯘﭼﻰ» (保镖)، «ﻳﻮﻟﯟﺍﺱ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ» (猛虎英雄传) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﺎﺭ.

ﺳﺎﻟﻤﺎﻥ ﺧﺎﻥ 30 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻛﯩﻨﻮﭼﯩﻠﯩﻖ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ. ﺗﺎﺭﺍﺗﻘﯘﻻﺭ سالمان خاننى ﺩﯗﻧﻴﺎ ﯞﻩ ﮪﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﻛﯩﻨﻮﭼﯩﻠﯩﻖ ﺳﺎﮪﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺭﯨﭙلىگەن. 2015-ﻳﯩﻠﻰ ﺳﺎﻟﻤﺎﻥ ﺧﺎﻧﻨﯩﯔ بايلىقى 33 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ 500 ﻣﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﻭﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ، «ﻓﻮﺭﺑﯧﺲ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﻯ ﺑﺎﻱ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﻼﺭ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﻰ» ﺩﻩ ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ، 2017-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ «ﻓﻮﺭﺑﯧﺲ ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﻰ» 2017-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ 100 ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺷﻪﺧﺲ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎن بولۇپ، ﺳﺎﻟﻤﺎﻥ ﺧﺎﻥ 71-ئورۇندا تۇرغان. 2018-يىلى 82-ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ.

2008-يىلى سالمان تۇنجى قېتىم ھىندىستان سونىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (Sony TV) نىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئويۇن پىروگراممىسى «Dus Ka Dum»غا رىياسەتچىلىك قىلىپ بۇ پىروگراممىنى زور ئالقىشقا ئېرىشتۈرگەن، سونىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىمۇ شۇ سەۋەبتىن ھىندىستاندىكى ئۈچىنچى چوڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسى بولۇپ قالغان. 2010-يىلى سالمان Colors TV نىڭ پەسىللىك «چوڭ خوجايىن» (Bigg Boss) ناملىق پىروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. 2013- يىلى ئۆزىنىڭ فىلىم ئىشلەش شىركىتىنى قۇرۇپ فىلىم ئىشلىگۈچى بولغان. 2018 ـ يىلى 2 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى ئۇ باش رول ئالغان «ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭ ﺑﺎﺟﺮﺍﻧﮕﻰ» (小萝莉的猴神大叔) ناملىق كىنو بېيجىڭدا تۇنجى قېتىم قويۇلغان.

2007-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى «سالمان خان فوندى جەمئىيىتى» (Being Human-T Salman K Foundatioon) قۇرۇپ، ئاجىزلار توپىنى مائارىپ ۋە داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش جەھەتتە زۆرۈر ياردەم بىلەن تەمىنلىگەن.بۇ فوندى جەمئىيەت 2012-يىلى ۋە 2013-يىلى ئۇدا ئىككى يىل ھىندىستاندىكى ئەڭ ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. 2016- يىلى 4- ئاينىڭ 23- كۈنى سالمان خان ھىندىستان رىئودې ژانېيرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەنگەن.

ئۇ تۈز كۆڭۈل، سەمىمىي ئادەم بولۇپ، ھېچنېمىدىن قورقمايدۇ، ئەزەلدىن كامېرا ئالدىدا ياسالمىلىق قىلمايدۇ. ياخشىچاق بولماسلىق پوزىتسىيىسى سەۋەبىدىن كۆپلىگەن تالاش-تارتىشلارغا قالغان بولسىمۇ، ئەمما پىتنە-ئىغۋالارغا قارىتا ئۇ ئەزەلدىن مەنسىتمەسلىك پوزىتسىيسىدە بولۇپ كەلگەن. ئۇ پەردە ئالدى ۋە ئارقىسىدىكى كۆپلىگەن ياش تالانتلىقلارنىڭ بوللىۋودقا كىرىپ نام چىقىرىشىغا ياردەم بەرگەن. ئۇ ھىندىستاندىكى ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىنو ئىشلىمەيمۇ تاماشىبىنلارنى كىنوخانىغا بېرىشقا جەلىپ قىلالايدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى چولپانلارنىڭ بىرى. ئۇ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى ئەسكى ئادەم ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىغان. ئۇ پىروگراممىلارغا رىياسەتچىلىك قىلغان مەزگىلدە نەق مەيداندىكى ئامما بىلەن دوستانە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بارلىق كۆرۈرمەنلەرگە ئۆزىنىڭ چوڭ ئېكراندىكى رولىغا ئوخشىمايدىغان يەنە بىر تەرىپىنى تونۇتقان. ئۇ باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان بولۇپ، كۆپلىگەن يېڭى ئارتىسلارغا پۇرسەت بەرگەن ھەمدە ئۇلارنى ھەر جەھەتىىن يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ كەسىپ ساھەسىدە پۇت تىرەپ تۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن.

Birthday Special:55 reasons why we love Salman Khan

سالمان خان بۈگۈن 55 ياشقا كىردى. لېكىن ئۇنىڭ ساغلام ھالىتى ۋە تاشقى قىياپىتىدىن قارىغاندا ئۇ قارىماققا ئاران 31 ياشقا كىرگەندەك كۆرۈنىدۇ. ئۇ ھازىرمۇ بېلەت كىرىمىدە يېشى پەقەت ئۇنىڭ يېرىمىچىلىك كېلىدىغان چولپانلار بىلەن رىقابەتلىشەلەيدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى تەنناز قىزلار ئۇنىڭغا ياتلىق بولۇشنى ئويلايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا سالمان خاننىڭ تۇغۇلغان كۈنى ھەمىشە ھەممە ئادەمنى ھاياجانلاندۇرىدۇ. ئۇنىڭ مەستانىلىرى ۋە بەخت تىلىگۈچىلىرى بۇ كۈننى كاتتا بىر يىغىلىشقا ئايلاندۇرىدۇ، ئۇنىڭ كەسپىي ساھەدىكى دوستلىرىمۇ بۇ كۈندە ئۇنىڭغا بولغان ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈرىدۇ. بۈگۈن مادۇرى دىكشىت، باڭياشىرى، ۋارۇن داۋان... قاتارلىق بوللىۋود چولپانلىرى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى چولپانغا ئۆزلىرىنىڭ تىلىكىنى يەتكۈزدى.

Salman Khan birthday

مادۇرى دىكشىت سالمان خان ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ھەمكارلاشقۇچى چولپان بولۇپ، ئىككەيلەن كۆپلىگەن نادىر كىنولاردا رول ئالغان، مادۇرى دىكشىت ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ باش بېتىدە مەلۇم بىر پروگراممىدا سالمان خان بىلەن چۈشكەن بىر پارچە سۈرەتنى يوللىدى ھەمدە يازما يوللاپ ئۇنىڭغا ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى. ۋارۇن داۋان سالمان خاننىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى مەستانىسى، ئۇمۇ ئىجتمائىي ئالاقە تورىغا سالمان خان بىلەن چۈشكەن سۈرىتىنى يوللاپ ئۇنىڭغا تىلەك تىلىدى.

Salman Khan

بۈگۈن تاراتقۇلار ئېلان قىلغان بىر بۆلەك سىن كۆرۈنۈشىدە كۆرسىتىلىشچە سالمان خان كېيىنكى فىلىمى «تۇتۇش بۇيرۇقى 2» (Radhe) ھەققىدە توختالغان. دەرىجىدىن تاشقىرى بۇ گىگانت چولپاندىن ئۇنىڭ بۇ كىنوسىنىڭ قاچان قويۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا سورالغاندا، ئۇ : «ھازىر يۇقۇم يەنىلا يامرىماقتا، يۇقۇملانغانلار كۆپىيىشكە قاراپ يۈزلەنمەكتە. مېنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپەم خەلقنىڭ ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، بۇ كىنو مۇۋاپىق پەيىتتە قويۇلىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن.

شۇنداق، ھازىرقىدەك ئەھۋالدا «تۇتۇش بۇيرۇقى 2»نى كىنوخانىدا قويۇش ئاقىلانە قارار ئەمەس. «تۇتۇش بۇيرۇقى 2» دە يەنە دىشا پاتانى، راندېپ ۋە جەكى شىروف قاتارلىقلاردا باش رول ئالغان. خەۋەر قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە سالمان خان سىڭلىسىنىڭ يولدىشى ئايۇش شارما بىلەن بىرلىكتە «ئانتىم» (Antim) ناملىق كىنونى سۈرەتكە ئېلىۋاتقان بولۇپ، سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن كاترىنا كەيىف بىلەن بىرلىكتە «يولۋاس ھەرىكىتى 3» (Tiger 3) نى سۈرەتكە ئېلىشنى باشلايدىكەن.


分享到: