新闻详情

ئەيىبلەنگەن ۋولمارت شىركىتى

发表时间:2020-12-28 15:31作者:ئەلكۈيى来源:ۋاڭيى

2.gif


شۇ جاي ۋاقتى 22-چېسلا، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋولمارت شىركىتىنى ئەرز قىلدى: «ئامېرىكا بويىچە ئەڭ چوڭ زەنجىرسىمان پارچە سېتىش سودىگىرى بولغان ۋولمارت شىركىتى پايدا قوغلىشىپ ئۆزىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى دورىخانلارنىڭ تېز سۈرئەتتە دورا سېتىشى ئۈچۈن، گۇمانلىق رېتسېپنى تولۇق تەكشۈرمەي ئامېرىكىنىڭ ئەپيۈن تۈرىدىكى دورىلارغا خۇمار بولۇش ۋە ئۇنى قالايمىقان ئىشلىتىش خەۋپىنى كۈچەيتىۋەتتى». ۋولمارت شۇ كۈنى ئىنكاس قايتۇرۇپ: «ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە شۇنىڭغا قاراشلىق زەھەر چەكلەش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، دورىنى قالايمىقان ئىشلىتىش ھادىسىسىگە زەربە بېرىشى كۈچلۈك بولمىغان» دېدى.

ۋولمارتنىڭ ئامېرىكىدا 5000دىن ئارتۇق دورىخانىسى بار، بىمارلار رېتسېپقا ئاساسەن بۇ دورىخانىدىن دورا سېتىۋالىدۇ. ئامېرىكا فېدېراتسىيە قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، دورىگەر ئەگەر رېتسېپتا مەسىلە بار دەپ گۇمان قىلسا، مەسىلەن، خۇمار قىلىدىغان دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىشكە چېتىلسا، زەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسىگە مەلۇم قىلىشى كېرەك.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 22-چېسلا: «ۋولمارتنى ئۆز قارمىقىدىكى دورىگەرگە <زور بېسىم> ئىشلىتىپ، ئۇلارنى نەتىجىدە ھەمىشە تېز سۈرئەتتە دورا سېتىشقا مەجبۇرلىدى، گۇمانلىق رېتسېپنى <كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالدى>. ئاتالمىش تەكشۈرۈش مېخانىزمى ساختا بولۇپ، چېكىملىك ئىستېمالچىلىرى ئاسانلا خۇمار قىلىدىغان دورىلارنى سېتىۋالالايدۇ» دەپ ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا تەپتىش تارمىقىنىڭ سۆزىگە ئاساسەن، دورىگەر بەزى دوختۇرلارنىڭ رېتسېپنى قالايمىقان يېزىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ۋولمارتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىغا دوكلات قىلغانلىقىغا دىققەت قىلىپ، بۇ تارماقنىڭ ھېچ ئىش بىلەن كارى بولمايدىغانلىقىنى، شۇنىڭلىق بىلەن بىمارلارنىڭ داۋاملىق بۇ خىل رېتسېپقا ئاساسەن خۇمار قىلىدىغان دورىلارنى سېتىۋالغانلىقىنى كۆرگەن.

بۇنىڭغا قارىتا، ۋولمارت 22-چېسلا رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەيىبلىشىنىڭ ئاساسى كەمچىل، پاكىت خاتالىق ۋە ئۇ يەر-بۇ يەردىن نەقىل كەلتۈرۈشلەر بىلەن تولغان، زەھەر چەكلەش ئىدارىسى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتتىن ئوچۇقتىن-ئوچۇق ئۆزىنى قاچۇردى.

بۇ يىل 10-ئايدا، ۋولمارت ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدا ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە زەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۈستىدىن ئەرز سۇندى. ۋولمارت دەۋا جەريانىدا مۇنداق دېدى: ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە زەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، نەچچە يۈز دوختۇرنىڭ رېتسېپلىق دورىلارنى قالايمىقان يازغانلىقىنى بېكىتتى، لېكىن ھازىرغىچە بۇنىڭ ئىچىدىكى %70كە يېقىن دوختۇرنىڭ دورا يېزىش سالاھىيىتىنى تارتىۋالمىدى، پەقەت ۋولمارت دورىخانىسىنى ئەيىبلىدى.

ۋولمارت بىر باياناتىدا مۇنداق دېدى: زەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى دوختۇرلارنىڭ ئەپيۈن تۈرىدىكى رېتسېپلىق دورىلارنى داۋاملىق يېزىپ بېرىشىگە رۇخسەت قىلدى، ئەمما ۋولمارت دورىخانىسىنى دوختۇرلار يازغان رېتسېپنى تەكشۈرمىدى، دەپ ئەيىبلىدى. بۇ ئېنىقلا ئۆزىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىدىن باش تارتىشقا ئۇرۇنغانلىق.

ۋولمارتنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ شىركەت دورىگەرلەرنىڭ گۇمانلىق رېتسېپنى بايقىغاندا دورا سېتىشنى رەت قىلىشىغا يول قويغان، يەنە زەھەر چەكلەش ئىدارىسىگە مەلۇم قىلغان ھەمدە نەچچە مىڭ تەكشۈرۈش يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن.

1.jpg

图片

图片

ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاپ ئۆزىڭىزنىڭ يانفۇنىغا ماس ھالدا چۈشۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ

图片




来源:爱酷艺网

监制:麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:阿海



5.jpg

www.alkuyi.com



分享到: