新闻详情

ئارسېنال vs چېلسى

发表时间:2020-12-28 17:17作者:爱酷艺来源:网易




مۇسابىقە خاراكتېرى: ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى 15-ئايلانما

مۇسابىقە ۋاقتى: بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى سەھەر 1:30

مۇسابىقە ئورنى: خەلىپە مەيدانى


ئارسېنالنىڭ ئەھۋالى:

ئارسېنالنىڭ بۇ پەسىلدىكى ئىپادىسى ياخشى ئەمەس، ھازىر تۆت مەيدان غەلىبە قىلىپ ئىككى مەيدان تەڭلىشىپ سەككىز مەيدان مەغلۇپ بولۇپ 14 نومۇر بىلەن 15-ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ، ھەتتا يېقىنقى 10 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە بىر مەيدان غەلىبە قىلىپ ئىككى مەيدان تەڭلىشىپ يەتتە مەيدان مەغلۇپ بولدى، يېقىنقى يەتت مەيدان مۇسابىقىدە بولسا ئىككى مەيدان تەڭلىشىپ بەش مەيدان مەغلۇپ بولدى، ئالدىنقى ئايلانمىدا 1-2 نەتىجىدە ئېۋېرتونغا ئۇتتۇرۇپ قويدى، ئېنگلاند بىرلەشمە لوڭقىسى 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 1-4 نەتىجىدە مانچېستېر شەھىرىگە ئۇتتۇرۇپ قويدى، شۇڭا بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە غەلىبە قىلىش نىسبىتى تۆۋەن، ئەگەر بۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلالمىسا برايتون ۋە بۇرنلېي قاتارلىق كوماندىلار ئارسېنالدىن ئېشىپ كېتىدۇ.


چېلسىنىڭ ئەھۋالى:

چېلسى ئالدىنقى ئايلانمىدا 3-0 نەتىجىدە غەربىي ھامنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا ئىككى مەيدان مەغلۇپ بولۇش قەدىمىنى ئاخىرلاشتۇردى، چېلسى ھازىر يەتتە مەيدان غەلىبە قىلىپ تۆت مەيدان تەڭلىشىپ ئۈچ مەيدان مەغلۇپ بولۇپ 25 نومۇر بىلەن 3-ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ، چېلسىنىڭ بۇ پەسىلدىكى ھۇجۇم كۈچىمۇ خىلى ياخشى، ئۇلار 14 ئايلانما مۇسابىقىدە 29 توپ كىرگۈزۈپ بولدى، شۇڭا بۇ قېتىم مېھمان مەيداندا غەلىبە قىلىپ بىرلەشمىدە ئالدىنقى تۆت ئىچىگە كىرىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىدۇ.


分享到: