新闻详情

يانفۇنىڭىزنى تازىلىغاندا بۇلارنى بىلىۋېلىڭ

发表时间:2020-12-28 18:22作者:ئەلكۈيى来源:تېڭشۈن




يانفوننى ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلەتكەندە، تەبىئىي ھالدا نۇرغۇن سىستېما ئەخلەتلىرى پەيدا بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا كۆپچىلىك ئىچكى ساقلىغۇچنى تازىلاپ بوشلۇقنى بىكارلىماقچى بولىدۇ، ئەمما ھۆججەت قىسقۇچ رايونىدىكى كۆزنى ئىمىر-چىمىر قىلغۇدەك ئىنگىلىزچە ئىسىم قويۇلغان ھۆججەتلەرگە قاراپ بەزىدە قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قىلىشىڭىز مۇمكىن. ئۇنداقتا قايسى ھۆججەتلەرنى يۇيۇۋەتكىلى بولىدۇ؟ قايسى ھۆججەتلەرنى يۇيۇۋەتكىلى بولمايدۇ؟ ئىشىنىمىزكى بۇنى بىلىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس. بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن مۇشۇ ھەقتىكى بىر قىسىم بىلىملەرنى ئورتاقلىشىمىز.

图片

پۈتۈنلەي يۇيۇۋەتسەك بولىدىغانلىرى:

1.cache

cache دېگەن سۆز «باففېر ساقلىغۇچ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، يەنى سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرۇشتىكى باففېرلىق ساقلاش رايونى، مەلۇم قاتتىق دېتال ئېھتىياجلىق ئۇچۇرنى ئوقۇشتا ئالدى بىلەن باففېر رايونىدىن ئىزدەيدۇ، تاپالىسا بىۋاستە ئىجرا قىلىدۇ، تاپالمىسا ئىچكى ساقلىغۇچ (RAM)نى ئېچىپ ئىزدەيدۇ. بىز ئادەتتە يانفون ئىشلىتىش جەريانىدا، بارلىق باففېرلانغان ھۆججەتلەر ئاپتوماتىك ھالدا مۇشۇ ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدە ساقلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكىسى بىز زىيارەت قىلغان ياكى ئىلگىرى ئېچىپ كۆرگەن سانلىق مەلۇماتلار، ئاساسەن قايتا ئىشلىتىلمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپچىلىك بۇ ھۆججەت قىسقۇچنى بىۋاستە يۇيۇۋەتسە بولىدۇ.

图片

2.Baidu ۋە 360 قاتارلىقلار

بۇ ئىككى سۆز كۆپچىلىككە ناتونۇش ئەمەس. تورغا چىققان ۋاقتىمىزدا بىز ئىزدىگەن سۈرەت ياكى فىلىم قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلار بىۋاستە مۇشۇ ئىككى ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدە ساقلىنىدۇ. ئۇزۇن ۋاقىت بىر تەرەپ قىلمىساق، ئۇنداقتا كېرەكسىز ئۇچۇرلار بارغانسېرى كۆپ يىغىلىپ قالىدۇ. شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ قەرەللىك ھالدا بۇ ھۆججەت قىسقۇچنى تازىلاپ تۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

图片

3.Tencent

بۇ ھۆججەت قىسقۇچ ئىسمىنى تەرجىمە قىلساق «تېڭشۈن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتساق، تېڭشۈن ئەپ دېتاللىرىغا ئالاقىدار ھۆججەت قىسقۇچ، مەسىلەن، بىز دائىم QQ ۋە ئۈندىدارنى ئىشلىتىش جەريانىدا ھاسىل بولغان سۈرەت، ئاۋاز قاتارلىق ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ھۆججەت قىسقۇچتا ساقلىنىدۇ، يەنە كېلىپ بۇ ھۆججەتلەر ئىچكى ساقلىغۇچ بوشلۇقىنى بەك ئىگىلەيدۇ، شۇڭا باشقا مۇھىم ئۇچۇرلار بولمىسا، كۆپچىلىكنىڭ بۇ ھۆججەت قىسقۇچنى بىراقلا يۇيۇۋېتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

图片

تاللاپ يۇيۇشقا تېگىشلىكلىرى:

1.Download

Download سۆزىنىڭ مەنىسى «چۈشۈرۈش»، بىز ئادەتتە چۈشۈرگەن بارلىق ماتىرىيال ۋە ھۆججەتلەر مۇشۇ قىسقۇچتا ساقلىنىدۇ، چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ئاساسەن 2-قېتىم ئىشلىتىش قىممىتى يوق. كۆپچىلىك يانفوننى تازىلىغاندا بۇ ھۆججەت قىسقۇچنىمۇ دائىم تازىلاپ تۇرۇشى كېرەك، ئىچىدە مۇھىم ھۆججەت يوقلۇقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن ئاندىن يۇيۇۋەتسىڭىز بولىدۇ.

图片

2.Backup

بۇ ھۆججەت قىسقۇچ مەخسۇس ھۆججەت قىسقۇچلارنى زاپاسلاشتا ئىشلىتىلىدۇ. ئەگەر يانفون ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمى ئىشلىتىشكە يەتمىسە، ھەم زاۇۋۇتتىن چىققان ھالىتىگە قايتۇرۇشقا ئىمكانىيەت بولمىسا، ئۇداقتا بۇ ھۆججەت قىسقۇچنىمۇ بىۋاستە يۇيۇۋەتسەك بولىدۇ، بىردىنلا بىر نەچچە GB بوشلۇق بىكار بولۇشى مۇمكىن. بىراق، يۇيۇۋېتىشتىن بۇرۇن چوقۇم مۇھىم ھۆججەتلەرنى ساقلىۋېلىش ياكى باشقا جايغا يۆتكىۋېتىش لازىم، خاتا ھالدا يۇيۇۋېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

图片

3.DCIM

بۇ ھۆججەت قىسقۇچنىڭ مەنىسى « ئالبوم»، ئىچىدە يانفوندىكى بارلىق سۈرەتلەر، كەسمە سۈرەت، كامېرادا تارتقان سۈرەت ۋە باشقا ۋاقىتلىق ساقلانغان سۈرەتلەر بار. شۇنىڭ ئۈچۈن، DCIM دېگەن بۇ ھۆججەت قىسقۇچقا قول سېلىشتىن بۇرۇن، چوقۇم قايسىلىرىنى ساقلاپ قېلىپ، قايسىلىرىنى يۇيۇۋېتىشنى ياخشى ئويلىشىش كېرەك.

图片

ھۆججەت قىسقۇچتىن باشقا، بىر قىسىم ھۆججەتلەرنىمۇ بىۋاستە يۇيۇۋەتسەك بولىدۇ، مەسىلەن، كېڭەيتىلگەن نامى «.zip» بولغانلىرى پرىسلانغان ھۆججەت، «.apk» بولغىنى ئەپ دېتال قاچىلاش بولىقى، بۇلارنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كىيىن يۇيۇۋەتسەك بولىدۇ.

图片

يۇيۇۋېتىشكە بولمايدىغانلىرى:

Android: بۇ ئاندىرويىد سىستېمىسىنىڭ ھۆججەت قىسقۇچى، ئىچىدە سىستېما مۇندەرىجىسى ۋە ئەپ دېتال سانلىق مەلۇماتلىرى بار، يۇيۇۋەتكەندە يانفون سۈرئىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

图片

System: بۇ سىستېما ھۆججىتى، يۇيۇۋەتكەندە يانفون ئاسانلا قېتىۋالىدۇ، يانفون سىستېمىسى نورمال ئىشلىمەيدۇ، ھەتتا يانفونىڭىز «كېسەك»كە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ئوقۇپ بۇ يەرگە كەلگەندە كۆپچىلىك چوقۇم قايسى ھۆججەتلەرنى يۇيۇۋېتىشكە بولىدىغان، قايسىلىرىنى يۇيۇۋېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلىۋالدىغۇ دەيمەن.

بۇنىڭدىن كىيىن يانفون ساقلاش بوشلۇقى يېتىشمىگەندە، كۆپچىلىك يۇقىرىدا سۆزلەنگەن ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ يانفوندىكى ھۆججەتلەرنى تاللاپ تۇرۇپ يۇيۇۋەتسە بولىدۇ.

ئۇنداقتا، كۆپچىلىك ئالما يانفونىنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىسىنى قانداق تازىلاشنى بىلەمسىلەر؟


分享到: