新闻详情

يېڭى يىلدىكى يېڭىچە كەيپىيات يېڭىچە خۇشاللىق

发表时间:2020-12-28 18:34作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى



يېڭى يىلدا يېڭىچە كەيپىيات بارلىققا كىلىدۇ، يېڭى يىلدا يېڭىچە خۇشاللىق بارلىققا كىلىدۇ! 2021 ـ يىلى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، پاراۋانلىق لاتارىيەسى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت لاتارىيەچىلەرگە كاتتا سوۋغا ئېلىپ كەلدى! مەملىكەت بويىچە بىرلىشىپ سېتىلىدىغان جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى« شادلىق 8» ئويۇنى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ« شادلىق 8» ئويۇنى دېيىلىدۇ) 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى شىنجاڭ رايونىدا بازارغا سېلىنىپ سېتىلىدۇ! شۇ چاغدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى لاتارىيەچىلەر يېڭى يىلدىن باشلاپ يېڭى لاتارىيە بېلىى سېتىۋېلىپ يىڭى خۇشاللىقلاردىن بەھىرلەنسە بۇلىدۇ. بىز دەرھال« خۇشاللىق 8» بىلەن تونۇشۇپ باقايلى!

1.png

« خۇشاللىق 8» ئويۇنى دېگەن نېمە؟

« شادلىق 8» ئويۇنى جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىشنى باشقۇرۇش مەركىزى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ« جۇڭگو لاتارىيە مەركىزى» دېيىلىدۇ) ئوتتۇرىغا چىقارغان تۇنجى مەملىكەت بويىچە بىرلەشمە سېتىش، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش مۇكاپاتلاش كۆلچىكى، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش مۇكاپاتلاش، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش باشقۇرۇش بويىچە يولغا قويۇلغان جىنو تىپتىكى لاتارىيە ئويۇنى بولۇپ، جۇڭگو لاتارىيە مەركىزى مۇكاپات تەشكىللەپ، ھەر كۈنى بىر قېتىم سېتىلىدۇ، ھەر كۈنى بىر قېتىم مۇكاپات ئېچىلىدۇ. ھەر بىر قېتىمدا 80 نومۇرلۇق توپ (1 دىن 80 گىچە) دىن 20 دانە مۇكاپات نومۇرى چىقىرىلىدۇ، لاتارىيەچىلەر 1 دىن 80 گىچە جەمئىي 80 نومۇر ئىچىدىن خالىغان بىردىن 10 غىچە نومۇرنى تاللاپ دو تىكىدۇ، يەككە دو تىكىش نومۇرى ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 بولىدۇ. ھەر بىر ساندا ھەر بىر قېتىم دو تىكىش نومۇرىدا پەقەت بىرلا قېتىم مۇكاپات چىقىش پۇرسىتى بولىدۇ، قوشۇمچە مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولمايدۇ.

« خۇشاللىق 8» ئويۇنىنىڭ« بىرنى تاللاش» تىن« ئوننى تاللاش» قىچە بولغان ئون خىل ئويناش ئۇسۇلى بار، يەككە ئويناش، تەكرار ئويناش، دەنتودىن ئىبارەت ئۈچ خىل دو تىكىش ئۇسۇلى بار، ئۆزى تاللىسىمۇ، ماشىنىدا ئاپتوماتىك تاللىسىمۇ بولىدۇ، مۇكاپات قايتۇرۇش نىسبىتى % 58 كە يېتىدۇ، ئون خىل ئويناش ئۇسۇلى ئىچىدە مۇكاپات چىقىش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى بولغانلىرىنىڭ% 25 كە يېتىدۇ، يەككە دو مۇكاپات سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغانلىرىنىڭ 5 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ. « خۇشاللىق 8» ئويۇنى تاللىغان ئويناش ئۇسۇلى (يەنى« بىرنى تاللاش» تىن« ئوننى تاللاش» قىچە بولغان 10 خىل ئويناش ئۇسۇلى) نىڭ يەككە دو تىكىش نومۇرى (تەكرار دو تىكىش ۋە دەنتو دو تىكىش ئۇسۇلى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىر دو تىكىش ئۇسۇلى) بىلەن شۇ قارارلىق مۇكاپات نومۇرىنىڭ ماس كېلىش ئەھۋالى (تەرتىپى چەكلەنمەيدۇ) غا ئاساسەن، مۇناسىپ مۇكاپاتقا ئېرىشىش سالاھىيىتى ۋە مۇكاپات پۇلى بېكىتىلىدۇ. « خۇشاللىق 8» ئويۇنى شىنجاڭدا بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، خالىغان شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە « خۇشاللىق 8» لاتارىيە بېلىتى سېتىش پونكىتىدا دو تىكىسە بۇلىدۇ، 80 نومۇردىن خالىغان بىردىن ئونغىچە نومۇرنى تاللاپ دو تىكسە بۇلىدۇ، ھەر بىر گۇرۇپپىدا بىردىن ئونغىچە نومۇرنى بىرىكتۈرۈپ بىر دو تىكىش بىر دو لاتارىيە بېلىتيى دەپ ئاتىلىدۇ، ھەر قېتىم دو تىكىش سوممىسى ئىككى يۈەن بولىدۇ.

مىسال كەلتۈرەسەك، مەلۇم بىر لاتارىيەچى«بەشنى تاللاش» ئۇسۇلىنى قوللاندى، دو تىكىش نومۇرى« 20-24» ، دو تىكىش سوممىسى ئىككى يۈەن، ئەگەر شۇ قارارلىق مۇكاپات نومۇرى« 39-20» بولسا، ئوخشاش نومۇرنىڭ سانى 5 بولىدۇ، لاتارىيەچى 1000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ؛ ئەگەر دو تىكىش نومۇرى« 23-19» بولسا، ئوخشاش نومۇرنىڭ سانى 4 بولىدۇ، لاتارىيەچى 21 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ ؛ ئەگەر دو تىكىش نومۇرى« 18-22» بولسا، ئوخشاش نومۇرنىڭ سانى 3 بولىدۇ، لاتارىيەچى 3 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ.

كۆپچىلىكنى بىر قاراپلا بىلىۋېلىشى ئۈچۈن، بىۋاسىتە رەسىملىك چۈشەندۈرۈشنى يوللىدۇق:

2.png

لاتارىيەچى دوستلار ھەر كۈنى سائەت 21:30 دا جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيە تورى، شىنخۇا تورى، شىنلاڭ تورى، سوخۇ تورى، جۇڭسەي تورى ياكى ئاستىدىكى ئىككى كودنى سىكانىرلاش ئارقىلىق نەق مەيدان مۇكاپات تارقىتىش پروگراممىسىنى كۆرسە بولىدۇ.

3.png

«خۇشاللىق 8» ئويۇنىنىڭ ئالاھىدىلىكى قايسى؟

«خۇشاللىق 8» ئويۇنى تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە بىرلىشىپ سېتىلغان جىنو تىپلىق لاتارىيە ئويۇنى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى قايسى؟   تۆۋەندە بىز بىر-بىرلەپ كۈرۈپ چىقايلى

ئالدى بىلەن، ئۇنىڭ مۇكاپات نومۇرى ئىنتايىن «كۆپ»، يەنى توپتوغرا 20 دانە، بۇ نۆۋەتتىكى پاراۋانلىق لاتارىيىسى ئويۇنلىرى ئىچىدە مۇكاپات نومۇرى ئەڭ كۆپ بولغان ئويۇن. «خۇشاللىق 8» نىڭ يەككە دو تىكىش نومۇرىنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئون بولۇپ، بۇ لاتارىيەچىلەرنى تېخىمۇ يېتەرلىك« مۇكاپاتقا ئېرىشىش بوشلۇقى» بىلەن تەمىنلەپ، دو تىكىش ئېھتىماللىقى بولغان بىر قانچە دو نومۇرنىڭ ھەممىسى مۇكاپات نومۇرى ئىچىدە بولىدۇ. مەسىلەن، لاتارىيەچى ئۈچ دو «ئالتىنى تاللاش» نومۇرىنى سېتىۋالدى، بىرىنچى دو « 1، 2، 3، 4، 5، 6» ، ئىككىنچى دو « 7، 8، 9، 10، 11، 12» ، ئەڭ ئاخىرقى دو « 13، 14، 15، 16، 17، 18» بولۇپ، مەسىلەن، شۇ قارار مۇكاپات نومۇرى « 1، 2، 3، 4، 5، 6، 7، 8، 9، 10، 11، 12، 13، 14، 15، 16، 17، 18، 19، 20» ، بۇ ئۈچ دو نومۇرى گەرچە پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ھەممىسى «ئالتىنى تاللاپ ئالتە چىقىش» غا چۈشىدۇ، ھەربىرى 3000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ.

ئىككىنچىدىن، «خۇشاللىق 8» ئويۇنى مۇكاپاتى چوڭ، كىچىك مۇكاپاتلارمۇ كۆپ. يۇقارقى رەسىمدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، «خۇشاللىق 8» بىر خىل جانلىق، ئەركىن، ئويناش ئۇسۇلى مول، قىزىقارلىق ئويۇن. ئۇنىڭ چوڭ مۇكاپاتى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە «ئوننىڭ ئىچىدىن ئوننى تاللاش» تا لەيلىمە مۇكاپات قوللىنىلغان، يەككە دو مۇكاپات سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 5 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر كۈنى مۇكاپات ئېچىلىدۇ. «توققۇزنى تاللاپ توققۇز چىقىش» مۇكاپات سوممىسى 300 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ، «سەككىزنى تاللاپ سەككىز چىقىش» مۇكاپات سوممىسى 50 مىڭ يۈەن بولۇپ، مۇكاپات سوممىسى ناھايىتى مول، «خۇشاللىق 8» مۇقىم مۇكاپات پۇلى ئەڭ يۇقىرى لاتارىيە ئويۇنى ھېساپلىنىدۇ؛ «خۇشاللىق 8» نىڭ كىچىك مۇكاپاتى يېتەرلىك ھەم كۆپ، « 1 نى تاللاش» تىن« 10 نى تاللاش» قىچە بولغان بۇ ئون ئويناش ئۇسۇلى ئىچىدە، ھەر بىرىنىڭ مۇكاپات دەرىجىسى، مۇكاپات سوممىسى ئوخشاش بولمايدۇ، جەمئىي 39 مۇكاپات دەرىجىسى بار، مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا% 25 كە يېتىدۇ.

ئۈچىنچى، «خۇشاللىق 8» ئويۇنىنىڭ دو تىكىش ئۇسۇلى كۆپ خىل. «خۇشاللىق 8» ئويۇنى يەككە دوتىكىش، قايتىلانما دو تىكىش، دەنتو دو تىكىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل دو تىكىش ئۇسۇلىنى قوللىغاچقا، كەڭ« تېخنىكا تىپى» دىكى لاتارىيەچىلەر ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان سەھنىگە ئىگە بولدى. بىزنىڭ شىنجاڭدىكى لاتارىيەچىلەرگە گەپ كەتمەيدۇ، سىز دەل جايىدا نۇمۇر تاللاپ دو تىكسىڭىز ھوسۇل ئالالايسىز، تەكرار دو تىككەندە مۇكاپات سوممىسى كۆپ بولىدۇ، مول بولغان لاتارىيە تەجرىبىسىگە ئاساسەن، يەنە ئۈچ خىل دو تىكىش ئۇسۇلىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەتسىڭىز، چوقۇم كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشەلەيسىز.

تۆتىنچى، «خۇشاللىق 8» ئويۇنىنىڭ يېڭى لەززىتى. « مۇكاپات چىقسىلا مۇكاپات بار، بولمىسا مۇكاپات يوق» ، بۇ كەڭ لاتارىيەچىلەرنىڭ لاتارىيە ئويۇنىغا بولغان ئاساسىي تونۇشىنىڭ بىرى، لېكىن «خۇشاللىق 8» بىر تەرەپلىمە ھالدا قائىدىنى بۇزۇپ، « يەتتىنى تاللاش» تىن « ئوننى تاللاش» قىچە بولغان تۆت خىل ئويناش ئۇسۇلىدا دو تىكىش نومۇرىغا مۇكاپات چىقمىسىمۇ مۇكاپات بار، بۇمۇ تەلىيى ئوڭدىن كەلمىگەن ئاشۇ لاتارىيەلىكلەرگە ئازراق تەسەللى ھېسابلىنىدۇ، مۇكاپات گەرچە يۇقىرى بولمىسىمۇ، ئەمما «خۇشاللىق 8» ئۈچۈن بىر خۇشاللىق قۇشۇلغان بۇلىدۇ.

بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا كاتتا مۇكاپات تارقىتىدۇ، تۆت مىليون يۈەنلىك سوۋغاتلىق بىلەت سىزنى كۈتىدۇ

ھەممىگە ئايانكى، شىنجاڭنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى ھەر قېتىم يېڭى ئويۇنلار بازارغا سالسا، كۆپ ھاللاردا يۈرۈشلۈك تىجارەت پائالىيەتلىرى بولىدۇ، بۇ قېتىممۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىش مەركىزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت لاتارىيەچىلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، «خۇشاللىق 8» ئويۇنى بازارغا سېلىنغان كۈندىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز دائىرىسىدە ماس قەدەمدە سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت «خۇشاللىق 8» ئۇيۇنى 2021006-قارار (مۇكاپات ئېچىلىش كۈنى 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى) دىن باشلاپ، تاكى 4 مىليون يۈەن پائالىيەت خىراجىتى تۈگىگىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

پائالىيەت مەزگىلىدە، ئومۇمەن شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى «خۇشاللىق 8» سېتىش پونكىتلىرىدا ئون خىل ئويناش ئۇسۇلى قايتىلانما 10 نۇمۇر، قايتىلانما 11 نۇمۇر، قايتىلانما 12 نۇمۇر، قايتىلانما 13 نۇمۇر، قايتىلانما 14 نۇمۇر، ياكى توققۇزنى تاللاش ئۇسۇلى قايتىلانما 10 نۇمۇر، قايتىلانما 11 نۇمۇر، قايتىلانما 12 نۇمۇر، قايتىلانما 13 نۇمۇر بويىچە خالىغان بىر خىل قايتىلانما دو تىكىش ئۇسۇلى ئارقىلىق «خۇشاللىق 8» ئويۇن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغۇچىلار، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەسلىدىكى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى سوۋغا قىلغان بەلگىلەنگەن سوممىدىكى «خۇشاللىق 8» ئويۇن بېلىتىگە ئېرىشلەيدۇ، سوۋغاتلىق بېلەت سوممىسى تۆۋەندىكى جەدۋەلدە كۆرسىتىلگە بويىچە:

4.png

«خۇشاللىق 8» گەرچە قىزىقارلىق بولسىمۇ يەنىلا ئاقىلانە ئويناش كېرەك

«خۇشاللىق 8» گەرچە قىزىقارلىق بولسىمۇ، دو تىككەندە يەنىلا ئاقىلانە بۇلۇش كېرەك. كەڭ لاتارىيەچىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش، لاتارىيەچىلەرنى ساغلام لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشقا يېتەكلەش ئۈچۈن، جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىشنى باشقۇرۇش مەركىزى «خۇشاللىق 8» ئويۇنىنىڭ خەتىرىنى كونترول قىلىدۇ: بىرىنچى، «خۇشاللىق 8» ئويۇنىنىڭ ھەر بىر قاراردىكى بارلىق نومۇر سېلىش سانىغا چەك قويۇپ سېتىشنى يولغا قويىدۇ، جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن چەكلىك سېتىش چارىسىنى بېكىتىدۇ ھەمدە جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ. ئەگەر دو تىكىش نومۇرى چەكلىمىگە ئۇچرىسا، دو تىكىشكە بولمايدۇ. ئىككىنچى، «خۇشاللىق 8» ناملىق ئويۇننىڭ ھەر بىر قاراردا ئەڭ كۆپ قايتۇرۇلىدىغان مۇكاپات سوممىسى چېكى خەۋپ-خەتىرى كونترول قىلىنىدۇ، ئەگەر شۇ قاراردا بېرىشكە تېگىشلىك مۇكاپات سوممىسى ئەڭ كۆپ قايتۇرۇلىدىغان مۇكاپات ئومۇمىي سوممىسىدىن ئېشىپ كەتسە، مۇكاپات دەرىجىسىدىكى يەككە دو مۇكاپات سوممىسى مۇناسىپ تەڭشىلىدۇ، كونكرېت تەڭشەش چارىسىنى جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن بېكىتىدۇ ھەمدە ۋاقتىدا جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.

باشقا پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئويۇنلىرىغا ئوخشاش، «خۇشاللىق 8» ناملىق ئويۇندا يەككە لاتارىيە بېلىتى بىلەن 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچىلەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىش مەركىزىدە مۇكاپات نەقلەشتۈرۈلىدۇ؛ يەككە لاتارىيە بېلىتىنىڭ مۇكاپات سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن 500 مىڭ يۈەنگىچە (500 مىڭ يۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولغان لاتارىيەچىلەر ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) لەرنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە مۇكاپات نەقلەشتۈرۈلىدۇ؛ يەككە لاتارىيە بېلىتىنىڭ مۇكاپات سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن (10 مىڭ يۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىن تۆۋەن) بولغان لاتارىيەچىلەر شىنجاڭدىكى ھەر قايسى پاراۋانلىق لاتارىيە «خۇشاللىق 8» بېلىتى سېتىش پونكىتىدە مۇكاپات نەقلەشتۈرۈلىدۇ؛ مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش مۇددىتى 60 تەبىئىي كۈن، كەڭ لاتارىيەچىلەرنىڭ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى سورايمىز.

كۆپچىلىككە ئامەت يار بولسۇن!

5.png
分享到: