新闻详情

يەتتە ياشلىق بالا ئوت ئىچىدىن سىڭلىسىنى قۇتقۇزدى

发表时间:2020-12-28 22:07作者:ئەلكۈيى تورى来源:سىنا




ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى (CNN) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا تېننېسسى ئىشتاتى نېۋتەزۋېل شەھىرىدىكى بىر ئۆيگە يېرىم كېچىدە تۇيۇقسىز ئوت كەتكەن، بۇ ئۆيدىكى ئېلىي ئىسىملىك يەتتە ياشلىق بالا سىڭلىسىنىڭ ياتاق ئۆيىگە دېرىزىدىن سەكرەپ چۈشۈپ ئۇنى قۇتقۇزۇۋالغان.

بۇ ھادىسە 8-دېكابىر يۈز بەرگەن بولۇپ، شۇ كۈنى كەچتە داۋىدسون بىر ئائىلە كىشىلىرى تامىقىنى يەپ بولۇپ، سائەت 8:30 ئەتراپىدا ئۇخلاپ بولغان. بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن بالىلارنىڭ ئانىسى نىك ئىسنىڭ پۇرىقىدا ئويغىنىپ كەتكەن؛ بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ئوت تېخىمۇ ئۇلغىيىپ، ئەمدىلا 22 ئايلىق بولغان ئېلىن ئۆيگە قاپسىلىپ قالغان.

بۇ ئەر-ئايال ئىككى ياشلىق ئوغلى ئېلىجا بىلەن يەتتە ياشلىق ئوغلى ئېلىينى يېنىغا ئەكىلىۋالغان، بىراق، كىچىك قىزىنىڭ ياتاق ئۆيى كۈچلۈك ئوت ئىچىدە قالغان. بۇ ۋاقىتتا دادىسى كىرىس: «ئىس قويۇق، ئوت كۈچلۈك ئىكەن. ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشقا پەقەت ئامال قىلالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن ھەممىمىز سىرتقا چىقىپ ئۇنى دېرىزىدىن تارتىپ چىقىرىۋالماقچى بولدۇق. بىراق، پۇتۇمغا قويغۇدەك نەرسە بولمىغانلىقتىن، قولۇم يەتمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئېلىينى دېرىزىدىن كىرگۈزۈپ كارىۋىتىدا ياتقان قىزىمىزنى قۇتقۇزۇۋالدۇق. مەن ئېلىيدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن. ئۇ چوڭلار قىلالمىغان ئىشنى قىلالىدى» دېدى.

خەۋەر قىلىنىشىچە، داۋىدسون ئەر-ئايال ئىلگىرى ئوت ئۆچۈرگۈچى بولۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جەمئىي 34 بالا بېقىۋالغان. ھازىر ئۇلارنىڭ ئېلىجا بىلەن ئېلىينى بېقىۋالغىنىغا بىر يىل بولاي دېدى. بىراق، بۇ ئەر-ئايال يۇقۇم سەۋەبىدىن خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى، نىكنىڭ بوۋىسىنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى ۋە ئوت ئاپىتى قاتارلىقلار سەۋەبلىك ئامالسىز كۆپچىلىكتىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولدى.


分享到: