新闻详情

ئائىلە يىغىلىشى 10 ئادەمدىن ئاز بولغىنى ياخشى

发表时间:2020-12-29 00:06作者:ئەلكۈيى تورى来源:رادىيو



قىش كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىز تەۋەسىدە سىرتتىن كىرگەن يۇقۇم مەنبەسى سەۋەبىدىن يەرلىك توپلىنىش خاراكتېرلىك يۇقۇمنىڭ قېتىم سانى كۆپەيتىپ قالدى، لېكىن بايقاش ۋە كونترول قىلىش ۋاقتىدا بولغاچقا، يۇقۇم كۆلىمى كېڭىيىپ كەتمىدى.

مۇتەخەسسىسلەر شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، يېڭى يىل ۋە چاغان مەزگىلىدە، زۆرۈر بولمىغان كوللېكتىپ پائالىيەتنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش، يىغىلىشقا قاتنىشىدىغان ئادەم سانىنى كونترول قىلىش لازىم. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن باشقا يەنە ئۆي قۇشلىرى زۇكىمى، نورو ۋىرۇسى ھەمدە يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. يېقىنقى بىر مەزگىلدە تىرىك ئۆي قۇشلىرى بازارلىرىغا ئىمكانقەدەر بارماسلىق، تىرىك ئۆي قۇشلىرى سېتىۋالماسلىق لازىم.

جۇڭگو كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش مەركىزى تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلىمى باش مۇتەخەسسىسى ۋۇ زۇنيۇ:

كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار كوللېكتىپ پائالىيەت ئۆتكۈزگەندە جەزمەن ئادەم سانىنى كونترول قىلىشى كېرەك. 50 تىن ئارتۇق ئادەم يىغىلىشقا قاتناشماقچى بولسا، مۇكەممەل ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش لايىھەسى، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرى بولۇشى كېرەك. شەخسلەر ئائىلە يىغىلىشقا قاتنىشىدىغان ئادەم سانىنى ئەڭ ياخشىسى 10 ئىچىدە كونترول قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئائىلىدە دائىم ھاۋا ئالماشتۇرۇش، قولنى دائىم پاكىز يۇيۇش، ئاممىۋى چوكا ئىشلىتىش، تاماقنى ئايرىپ يېيىش، يۆتەلگەن، چۈشكۈرگەندە ئېغىز-بۇرۇننى توسۇۋېلىش قاتارلىق ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، يۆتىلىش، قىزىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ھامان دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

قىش كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىزدە قۇش زۇكىمى يۇقۇمى بايقالدى. جەنۇبتىكى قىسمەن رايونلاردا قۇش زۇكىمى بىلەن تارقاق يۇقۇملانغانلار كۆرۈلدى. ئادەم قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغاندا تارقىلىشچان زۇكامغا ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرى، مەسىلەن قىزىش، يۆتىلىش، ئاز مىقداردا بەلغەم تۈكۈرۈش، باش ئاغرىش، مۇسكۇل تېلىپ ئاغرىش ۋە پۈتۈن بەدىنى بىئارام بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئېغىر بولغاندا كېسەلنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ تېز بولۇپ، ئېغىر ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، تىرىك قۇش بىلەن ئۇچرىشىشتىن ياكى تىرىك قۇش بازىرىغا بېرىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش، تىرىك قۇش سېتىۋالماسلىق كېرەك. يېڭى يىل، چاغان مەزگىلىدە يەنە نورو ۋىرۇسى ۋە يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش، تولۇق پىشمىغان يېمەكلىكلەرنى، پوستى سويۇلمىغان مېۋە-چېۋىلەرنى، خام كۆكتاتلارنى يېمەسلىك كېرەك.


分享到: