新闻详情

چاغنلىق بىلەت سىتىش باشلاندى

发表时间:2020-12-29 11:16作者:ئەلكۈيى来源:خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:2020-يىلى تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى، 2021-يىلى چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ مۇقەددىمىسى كېلەر ئايدا باشلىنىدۇ. ئەتە (12-ئاينىڭ 30-كۈنى) 2021-يىللىق چاغانلىق توشۇشنىڭ تۇنجى كۈنىدىكى پويىز بېلىتىنى تالىشىش رەسمىي باشلىنىدۇ! ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشىمايدىغىنى، بۇ قېتىملىق چاغانلىق توشۇشتا يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش يېڭى لىنىيىلىرى كۆپىيىپلا قالماي، يەنە ئاۋازسىز ۋاگون قاتارلىق مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ.


2021 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنىدىن باشلاپ، 40 كۈنلۈك چاغانلىق يولۇچى توشۇش رەسمىي باشلىنىدۇ. پويىز بېلىتىنى ئالاقە تورى ۋە تېلېفوندا زاكاز قىلىشتىن 30 كۈن بۇرۇن سېتىش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، 12-ئاينىڭ 30-كۈنى چاغانلىق توشۇشنىڭ تۇنجى كۈنىدىكى پويىز بېلىتى رەسمىي سېتىلىدىكەن.

2021-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى (دېھقانلار كالېندارى بويىچە كىچىك يىل) نىڭ پويىز بېلىتىنى؛ 1-ئاينىڭ 12-كۈنى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى (قەمەرىيە 12-ئاينىڭ 29-كۈنى) نىڭ پويىز بېلىتىنى؛ 1-ئاينىڭ 13-كۈنى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى (ھارپا كۈنى) نىڭ پويىز بېلىتىنى تالىشىدۇ.

قايتىش سەپىرىدە، 2021 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى 2 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى) چاغاننىڭ 6 ـ كۈنى (پويىز بېلىتى؛ 1 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى 2 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى) پانۇس بايرىمى (پويىز بېلىتى سېتىلىدۇ.

نۆۋەتتە، پويىز بېلىتىنى سېتىۋېلىش يولى ئاساسلىقى بەش خىل بولۇپ، تېلېفون نومۇرى 95105105 (سىرتتىن بېلەت زاكاز قىلغاندا يولغا چىقىدىغان رايون نومۇرىنى قوشۇپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ) ، جۇڭگو تۆمۈر يولى 12306 تور بېكىتى (www.12306.cn) غا، 12306 يان تېلېفون APPسى، ۋوگزالنىڭ بېلەت سېتىش كۆزنىكى، تۆمۈريول يولۇچىلار بېلىتىنى ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىسى ۋە پويىز ئىستانسىسىنىڭ ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ماشىنىسىغا چىقىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


1.jpg

图片

图片

ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاپ ئۆزىڭىزنىڭ يانفۇنىغا ماس ھالدا چۈشۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ

图片




来源:爱酷艺网

监制:麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:阿海



5.jpg

www.alkuyi.com


分享到: