新闻详情

ئاقسۇ شەھىرىدىكى ئامەتلىك لاتارىيەچى 196503 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2020-12-28 11:58作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

11-ئاينىڭ 5-كۈنى قوش رەڭلىك توپ 2020110 قارارلىق مۇكاپات ئېچىلدى، مۇكاپات نومۇرى: قىزىل توپ 02، 06، 09، 41، 22، 52، كۆك توپ 04 بولدى. ئاقسۇ شەھىرىدىكى بىر لاتارىيەچى تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ بىر دو 2-دەرىجىلىك مۇكاپات، 18 دو 4-دەرىجىلىك مۇكاپات، 45 دو 5-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، جەمئىي مۇكاپات سوممىىسى 196503 يۈەن بولدى.

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى ليۇ ئەپەندى پېشقەدەم لاتارىيەچى بۇلۇپ ئۇنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيەگە ئالاھىدە ئىشتىياقى بار، بولۇپمۇ قوش رەڭلىك توپنى تەتقىق قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇ ھەر خىل نومۇر تاللاش ئۇسۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى قىزىقىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:« مەن ئادەتتە قوش رەڭلىك توپنى تەتقىق قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن، نومۇر تاللاش جەريانىدىن ناھايىتى ھۇزۇرلىنىمەن، شۇڭا ئوينىسام بەك قىزىقارلىق بولىدۇ.»، مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە، ليۇ ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇ ئىلگىرى ھەر قېتىمدا دېگۈدەك قوش رەڭلىك توپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدىكەن، دو تىكىش سوممىسى نەچچە ئون يۈەندىن نەچچە يۈز يۈەنگىچە ئىكەن، بەزى كىچىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشىدىكەن، مەيلى كىچىك مۇكاپات بولسۇن ۋە ياكى چوڭ مۇكاپاتلار بولسۇن مۇكاپاتقا ئېرىشسىلا ئۇ ئىنتايىن خۇشال بولىدىكەن، ئاستا-ئاستا ئويۇننى تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، ليۇ ئەپەندىم تەجىربە ساۋاق يەكىنلەپ «تېخنىكا» تىپىدىكى لاتارىيەچىگە ئۆزگەرگەن، نومۇر تاللاش ئۇسۇلىدىمۇ ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولغان، يەككە دو تىكىش ئۇسۇلىدىن قايتىلانما دو تىكىش ياكى كۆپ ھەسسە بويىچە دو تىكىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدىغان بولغان.

11 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى ئىشتىن چۈشۈپلا، ليۇ ئەپەندى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ مەرھابا يولىدىكى 65290127 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى، ئۇ نومۇرنىڭ يۆنىلىش خەرىتىسىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، ھالقىش ئارىلىقى، تەكرارلىنىش نومۇرى، يەنە نومۇر چۈشۈپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى نۇقتىلىق تەھلىل قىلىپ، ئىنچىكىلىك بىلەن تاللاپ، بىر دو «9 + 1» قايتىلانما نۇمۇرنى بېكىتىپ دو تىكتى. شۇ كۈنى كەچتە مۇكاپات ئېچىلغاندا، ليۇ ئەپەندى تەلىيىگە شۇ قارارلىق قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىدا ئۆزىنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى بايقىغان.

ليۇ ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: « نومۇر تاللاش تەجرىبىسى ۋە ماھارىتى گەرچە مۇھىم بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ تۇيغۇسىمۇ ناھايىتى مۇھىم، يۇقىرىقى ئامىللارغا بىرلەشتۈرۈپ ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى نومۇرنى تاللىۋالسا، مۇكاپاتقا ئېرىشىش نىسبىتى ئاشىدۇ.»، ئاقسۇ پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن، ليۇ ئەپەندى مۇنداق دېدى:«پەقەت ئۆزۈم سىناپ باققاندىن كېيىنلا، تەلەينىڭ ئۆزىگە كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدىم، بۇنىڭ كېيىن يەنە داۋاملىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىۋېلىپ، ئۆزۈمنى دەڭسەپ بېقىشتا چىڭ تۇرىمەن، ماڭا يەنە تەلەي كىلىپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قېلىشىم مۇمكىن.»-دېدى.

2.png

分享到: