新闻详情

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇكاپات لاتارىيەچى لى ئەپەندىنى خۇشال قىلىۋەتتى

发表时间:2020-12-24 11:22作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

دائىم باشقىلاردىن مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى ئاڭلاپ تۇرىمىز: « ئەتە ۋە كۈتۈلمىگەن ئەھۋال، سىز قايسى ئىشنىڭ ئاۋۋال كېلىدىغانلىقىنى مەڭگۈ بىلمەيسىز... » 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى، « قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى 2020117-قارار مۇكاپات ئېچىلدى، قىزىل توپ نومۇرى 07، 08، 09، 01، 61، 72، كۆك توپ نومۇرى 07 بولدى، سانجىدىكى لى ئەپەندى تەلەيلىك ھالدا «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى   3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 32000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. لى ئەپەندى 25 ـ نويابىر سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ بۇ مۇكاپات پۇلىنى ئالدى.

ئىگىلىنىشىچە، لى ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيە ئويناپ كىلىۋاتقىنىغا بەش يىلل بولغان بولۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىزچىل لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش ئادىتىنى ساقلاپ كەلگەن، بولۇپمۇ پاراۋانلىق لاتارىيەسى «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ. 11 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، لى ئەپەندى سانجى شەھىرىنىڭ بىنخې شىمالىي يولىدىكى 65230117 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى، پونكىتتا كۆپچىلىكنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى «قوش رەڭلىك توپ» نۇمۇرىنىڭ ئارقىمۇ-ئارقا كۆرۈلگەنلىكىنى، بۇ مەزگىلدە يەنىلا ئارقىمۇ-ئارقا كۆرىدىلىغان نۇمۇرنى سېتىۋالماسلىق توغرىسىدا مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. لى ئەپەندى: « سىلەر ئارقىمۇ-ئارقا كۆرىدىلىغان نۇمۇرنى ئالمىساڭلار مەن ئالىمەن.»-دېدى، بىر مەھەل چوڭقۇر ئويلانغاندىن كېيىن، لى ئەپەندى ئەڭ ئاخىرىدا قىزىل توپ نومۇرى 07، 08، 09، 01، 61، 02 ۋە كۆك توپ نومۇرى 07، 61 گە بەش ھەسسە دو تىكىپ، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئالدىراپ ئايرىلدى. چۈشتىن كېيىن ئۇ بۇ نومۇرغا قارىغانسېرى مۇكاپا چىقىدىغاندەك ھېس قىلدى، شۇنىڭ بىلەن يەنە دو تىكىش پونكىتىغا كېلىپ بۇ نومۇرغا يەنە بەش ھەسسە قوشۇپ دو تىكتى.

شۇ كۈنى كەچتە، « قوش رەڭلىك توپ» 2020117-قارار مۇكاپات ئېچىلدى، لى ئەپەندى 10 دو 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 32000 يۈەن بولدى. مۇكاپات ئالغاندا، لى ئەپەندى سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: « ئويلىمىغان يەردىن بۇ قېتىم راستتىنلا مۇكاپات چىقتى، شۇ قارارلىق مۇكاپات ئېچىلغان كۈنى كەچتە مەن تورغا چىقىپ مۇكاپات نومۇرىنى تەكشۈردۈم، مۇكاپات چىققانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم، خىزمەت ئالدىراش بولغاچقا، مۇكاپات پۇلىنى ئېلىشقا ئۈلگۈرەلمىدىم، تاكى 25- چېسلا چۈشتىن كېيىن تەييارلىق قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن مۇكاپاتنى ئالغىلى باردىم.»-دېدى.

ئاخىرىدا، لى ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:«لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندا ئادەتتىكى روھىي ھالەتنى ساقلاش كېرەك، ئۈمىدۋار بولۇش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ھامان بىر كۈنى ئارزۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ. »-دېدى.

3.png

分享到: