新闻详情

تۇرمۇش ۋە خىزمەتكە بولغان ئىشەنچىم زور دەرىجىدە ئاشتى

发表时间:2020-12-24 17:25作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

    2020ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى كەچتە، «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى 2020117 ـ قارارلىق مۇكاپات ئېچىلغاندىن كېيىن، سانجى شەھىرى 65230256 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى ئامەتلىك لاتارىيەچى 3 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى 12100 يۈەن بولدى.

ئىگىلىنىشىچە، سانجى شەھىرى جەنۇبىي باغچە غەربىي يولى شەرقىي كوچا 10-نومۇردىكى 65230256 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئۇزۇن يىل بولغان كونا دۇكان بولۇپ، مال ساتقۇچى ۋاڭ خانىم ئون نەچچە يىللىق سېتىش تارىخىغا ئىگە كونا مال ساتقۇچى ئىكەن. 11-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتە، ۋاڭ خانىمنىڭ دۇكىنى ناتونۇش بىر لاتارىيەچىنى كۈتۈۋالدى، بۇ لاتارىيەچى 40 ياشقا كىرمىگەندەك قىلاتتى، تەلەپپۇزىدىن قارىغاندا ياقا يۇرتلۇققا ئوخشايتتى، گىپىمۇ جىق ئەمەس ئىدى، ئۇ دۇكانغا كىرىپلا،   ماشىنا ئارقىلىق ئاپتوماتىك « قوش رەڭلىك توپ» نومۇرىنى تاللاپ تەلىيىنى سىناپ بېقىشنى تەلەپ قىلدى، ۋاڭ خانىم « قوش رەڭلىك توپ» مۇكاپات تارقىتىش   پائالىيتىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:« پائالىيەت مەزگىلىدە ئەگەر يەككە لاتارىيە بېلىتىدە دو تىككەن سومما 20 يۈەن (20 يۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىن ئېشىپ كەتسە، بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر ئالاھىدە مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، يەككە دو ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 20 مىليون يۈەنگە يېتىشى مۇمكىن، ئەگەر ئالتىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشسە يەنە بىر ھەسسە قاتلىنىدۇ»، بۇ لاتارىيەچى ۋاڭ خانىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شۇ ھامان 1 دو 8 + 1 نىڭ قايتىلانما لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى.

    دەل مۇشۇ لاتارىيەچى ۋاقتىنچە دو تىكىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتكەچكە، « قوش رەڭلىك توپ» نىڭ 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشىشتەك ياخشى ئىش يۈز بەردى، مۇكاپات سومممىسى جەمئىي 12100 يۈەن بولدى. گەرچە دەسلەپتە مۇكاپات نومۇرىنى كۆرۈپ سەل ئەپسۇسلانغان بولساممۇ، نېمىلا دېگەن بىلەن بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا سېلىشتۇرغاندا پەقەت بىر قىزىل توپ نۇمۇرىلا كەم ئىدى، لېكىن مۇكاپاتقا ئېرىشىشنىڭ تەمى ئۇنى ھەقىقەتەن خۇشال قىلدى، چۈنكى بۇ مۇكاپات پۇلى بىر ئىشلەمچىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ھەيران قالارلىق خۇشاللىق ئەمەسمۇ!

مۇكاپات ئالغان چاغدا، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى:« گەرچە بۇ 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مۇكاپات پۇلى تۇرمۇشىمنى ئۆزگەرتەلمىسىمۇ، لېكىن بۇ خىل ئامەت ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم بولۇپ، تۇرمۇش ۋە خىزمەتكە بولغان ئىشەنچىمنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى، ئەلۋەتتە لاتارىيە سېتىۋېلىشقا بولغان ئىشەنچىمنىمۇ تېخىمۇ ئاشۇردى.»-دېدى.

نۆۋەتتە « قوش رەڭلىك توپ» بىر مىليارد 200 مىليون يۈەن مۇكاپات تارقىتىش پائالىيتى قىزغىن ئېلىپ بېرىلماقتا، دەرھال ھەركەتكە كىلىڭ، پۇرسەت غەنىمەت، ئامەت دائىم ھەمراھ بولۇپ تۇرمايدۇ، ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇڭ.

4.png

分享到: