新闻详情

مىسسى ئامىرىكىغا بارامدۇ؟

发表时间:2020-12-29 12:26作者:ئەلكۈيى来源:ۋاڭيى

2.gif



بارسېلونا كاپىتانى مېسسى يېقىندا ئىسپانىيە تېلېۋىزىيىسى 6-قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ زىيارەتتە ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە ئامېرىكا بىرلەشمىسىدە توپ تېپىشنى خالايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئىسپانىيە «دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى» مىئامى خەلقئارا مېسسىنىڭ تاللاشلىرىدىن بىرى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىدى.

مېسسى زىيارەت قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «مەن ئىزچىل ئامېرىكىدىكى تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىشنى ۋە ئۇ يەردە توپ تېپىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ كەلدىم. ئەمما كېيىن شۇنداق بولۇش-بولماسلىقىنى بىلمەيمەن، ھازىر كەلگۈسى توغرىسىدا سۆزلەيدىغان ۋاقىت ئەمەس».

«دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى» نىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ مېسسىنىڭ كەلگۈسىدە مىئامى خەلقئاراغا بېرىپ توپ تېپىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدىكەن. بۇ كۇلۇبنىڭ ئىزچىل مېسسى بىلەن توختاملاشقۇسى بار.

مېسسى زىيارەتتە خانلىق مادرىد ۋە مادرىد ئاتلېتكىغا بېرىش مۇمكىنچىلىكىنى يوققا چىقاردى. ئۇ يەنە باشقا بىرلەشمىلەرگە بېرىش ئېھتىماللىقى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ ئىشنىڭ يۈز بېرىش-بەرمەسلىكىنى بىلمەيمەن، مەن زېھنىمنى ھازىرقى ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرىمەن، مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلىشىدىغانغا يەنە ئالتە ئاي بار. مەن بۇ مۇسابىقە پەسلىنى قانداق ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئويلىمىدىم. ھازىر سىزگە نېمە ئىش قىلماقچى ئىكەنلىكىمنى ئېيتىش بىئەپ، چۈنكى كەلگۈسىدىكى ئىشنى مەنمۇ بىلمەيمەن».

1.jpg

图片

图片

ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاپ ئۆزىڭىزنىڭ يانفۇنىغا ماس ھالدا چۈشۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ

图片




来源:爱酷艺网

监制:麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:阿海



5.jpg

www.alkuyi.com



分享到: